Skip to content
Home » ئوركلىرىغا ئوخشاش بۇزۇلدۇق

ئوركلىرىغا ئوخشاش بۇزۇلدۇق

  • by

 ئالدىنقى قېتىم بىز ئاللاھنىڭ كىشىلەرنى قانداق سۈرىتىدە ياراتقانلىقىنى ئوقۇدۇق. بۇ كىشىلىك ھاياتنىڭ قىممەتلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەمما ، مۇقەددەس كىتابلار بىزنىڭ ياراتىلغىنىمىزدىن باشلاپ ئېغىر بىر مەسىلىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. زەبۇردىكى قىسىم بۇنى ناھايىتى ئېنىق ئاشكارلايدۇ

 :پەرۋەردىگار ئەرشتە تۇرۇپ، ئادەم بالىلىرىنى كۆزىتىپ

بۇ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئىنساپنى چۈشىنىدىغان بىرەرسى بارمىدۇ؟»

2 خۇدانى ئىزدەيدىغانلار بارمىدۇ؟

،ھەممە ئادەم يولدىن چىقتى

،ھەممە ئادەم چىرىكلىشىپ كەتتى

3 .مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر

14:زەبۇر 3-2

بۇ ئايەتلەر «ھەممىمىز چىرىكلىشىپ كەتتوق» دەيدۇ. گەرچە بىز «ئاللاھنىڭ سۈرىتىدە يارىتىلغان» بولساقمۇ ، بۇ ئوبرازنى ھەممىمىز بۇزۇۋەتتوق. بىز چىرىكلىكنى ئاللاھ ۋە دىنسىز مۇستەقىللىقتا بىلەن « ياخشىلىق » قىلماسلىقتا كۆرىمىز 

ئوركلار ۋە ئېلۋېسلار

پەرۋەردىگارنىڭ ئۈزۈكلىرى
ئوركلار كۆرۈمسىزلىك ئىدى ، ئەمما ئۇلار پەقەت بۇزۇلغان ئېلۋېسلار

بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن «خوجايىنىڭ ئۈزۈكى» فىلىمىدىكى ئوركلار ۋە ئېلۋېسلارنى سېلىشتۇرۇڭ . ئوركلار كۆرۈمسىزلىك ھەم رەزىل. ئېلۋېسلار چىرايلىق ھەم تىنچ. ئەمما ئوركلار بۇزۇلۇشدىن بۇرۇن ئېلۋېسلار ئىدى. ئوركلارنىڭ ئەسلىدىكى ئېلۋېس سۈرىتى بۇزۇلۇپ كەتكەن. ئىنجىلدا كىشىلەرنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بۇزۇلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئاللاھ «ئېلۋېسلارنى» ياراتتى ، ئەمما بىز «ئورك» بولۇپ قالدۇق

مەسىلەن ، بىز «توغرا» ۋە «خاتا» ھەرىكەتلەرنىڭ پەرقىنى بىلىمىز. بۇ ئاللاھنىڭ ئوبرازىدا ياسالغانىڭ ئاقىۋىتى. ئەمما بىز بىلگەنلىرىمىز بىلەن ئىزچىل ياشىمايمىز. بۇ ۋىرۇس كومپيۇتېرنىڭ روللىرىغا زىيان سالغانغا ئوخشاش. بىزنىڭ ئەخلاقىمىز بار ، ئەمما بىر ۋىرۇس ئۇنى يۇقۇملاندۇردى. ئىنسانلار ياخشى ۋە ئەخلاقلىق كىشىلەردىن باشلىنىدۇ ، ئەمما ئۇلار كېيىن بۇزۇلىدۇ. ئاللاھ بىزنى نېمىشقا بۇنداق ياراتتى؟ بىز ھەق-ناھەقنى بىلىمىز ، ئەمما بىز بۇزۇلدۇق. ئاتېئىست كرىستوفىر خىتچېن مۇنداق دەيدۇ

«.ئەگەر خۇدا ھەقىقەتەن كىشىلەرنىڭ بۇنداق ئويلاردىن خالىي بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان بولسا ، ئۇ باشقا بىر تۈرنى ياراتقان بولسا بوپتۇكەن»

2007. كرىستوفىر خىتچېن ، تەڭرى ئۇلۇغ ئەمەس: دىن قانداق قىلىپ ھەممە نەرسىنى بۇزىدۇ. 100-بەت

Legolos
ئېلۋېسلار ئالىيجاناب ۋە ھەيۋەتلىك ئىدى

ئەمما ئۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر نەرسىنى قولدىن بېرىپ قويدى. تەۋرات ئاللاھ بىزنى شۇنداق قىلدى دېگەنلىك ئەمەس ، بەلكى ئۇ بىزنى ياراتقاندىن كېيىن قورقۇنچلۇق بىر ئىش يۈز بەردى. تۇنجى ئىنسانلار ياراتقۇچىغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى ۋە ئىسياندا ئۇلار ئۆزگەردى ۋە بۇزۇلدى 

گۇناھ – ئەسلى ئوبرازىمىز بۇزۇلدى

بىز مىسىرنىڭ 100 دوللارلىق پۇلنىڭ ئۈستىدە سىفىننىڭ رەسىمنى مىسالغا ئادۇق. ئەمما، ئۇ سىفىننىڭ ئەسلى ئوبرازىسى ھەقىيقى ئوبرازىدىن ئۆزگەردى. ھازىر ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھالىتى يوقاپ كەتتى ، بۇ رەسىم ھەر خىل شەكىلدە ئۆزگىرىپ كەتتى. گەرچە سىفىن يەنىلا تونۇلىدىغان ۋە ھەيران قالدۇرىدىغان بولسىمۇ ، ئەسلى ھالىتىدىن ئۆزگۈرۇپ كەتتى. ئوخشاشلا ، تەۋرات بىزنىڭ ئەسلى ئوبرازىمىزنى بۇزۇۋېتىدىغان بىر ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىلام ئۇنىڭ ئەسلى شەكلىنى ئۆزگەرتمىدى . گۇناھمۇ ئاللاھ ياراتقان ئوبرازىنى بۇزىدۇ

تەۋرات بىزنىڭ ئاللاھ ياراتقان ئوبرازىدىن بۇزۇلغانىمىزنى تەسۋىرلەيدۇ. قانداق ئىش يۈز بەردى؟ «ئاللاھنىڭ سۈرىتىدە ياراتىلغان» بولۇپ ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىرىنچى ئىنسانلار (ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا) تاللاش ئارقىلىق سىناق قىلىنغان. ئاللاھنىڭ روھى دۈشمىنى شەيتان ئۇلارنى ئازدۇردى. شەيتان ئادەتتە باشقىلار ئارقىلىق سۆزلەيدۇ . بۇ ئەھۋالدا ئۇ يىلان قىياپەتتە سۆز قىلدى

يەر يۈزىدە يىلان رەب پەرۋەردىگار ياراتقان دالادىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدىن ھىيلىگەر ئىدى. ئۇ ئايالدىن: ــ خۇدا راستتىنلا باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مېۋىسىدىن يېمەڭلار، دېدىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 1

 ئايال يىلانغا جاۋاب بېرىپ: ــ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرىنى يېسەك بولىدۇ. 2 ئەمما باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ مېۋىسى توغرىسىدا خۇدا: «بۇنىڭدىن يېمەڭلار، قولمۇ تەگكۈزمەڭلار، بولمىسا ئۆلىسىلەر» دېگەن، دېدى. 3

يىلان ئايالغا: ــ ئۇنداق ئەمەس! ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر! 4 بەلكى سىلەر ئۇنى يېگەن كۈنۈڭلاردا، خۇدا كۆزۈڭلارنىڭ ئېچىلىپ، خۇداغا ئوخشاش ياخشى بىلەن ياماننى بىلىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ، ــ دېدى. 5

ئايال دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ يېمەكلىك ئۈچۈن ياخشىلىقىنى، ئۇنىڭ كۆزنى قاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەمدە دەرەخنىڭ ئادەمنى ئەقىللىق قىلىدىغان جەلپكارلىقىنى كۆرۈپ، مېۋىدىن يېدى ۋە ئۇنىڭدىن يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى؛ ئۇمۇ يېدى. 6 يېيىشى بىلەنلا ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچ ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىنى ئېلىپ بىر-بىرىگە ئۇلاپ تىكىپ، ئۆزلىرىگە ياپقۇچ قىلىپ تارتتى. 7

كۈن سالقىنلىغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ باغدا ماڭغان شەپىسىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئادەم ئايالى بىلەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ھازىر بولغىنىدىن قېچىپ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالدى. 8 لېكىن پەرۋەردىگار خۇدا توۋلاپ ئادەمنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: سەن نەدە؟ ــ دېدى. 9

:ئادەمئاتا جاۋاب بېرىپ

ــ مەن باغدا شەپەڭنى ئاڭلاپ، يالىڭاچ تۇرغىنىم ئۈچۈن قورقۇپ كېتىپ، يوشۇرۇنىۋالدىم، ــ دېدى. 10

خۇدا ئۇنىڭغا: ــ يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى ساڭا كىم ئېيتتى؟ مەن ساڭا يېمە، دەپ ئەمر قىلغان دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېدىڭمۇ-يا؟ ــ دېدى. 11

12 .ئادەم جاۋاب بېرىپ: ــ سەن ماڭا ھەمراھ بولۇشقا بەرگەن ئايال دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن ماڭا بەرگەنىدى، مەن يېدىم، ــ دېدى

13 .پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ــ دېدى. ئايال جاۋاب بېرىپ: ــ يىلان مېنى ئالداپ ئازدۇرسا، مەن يەپ ساپتىمەن، ــ دېدى

يارىتىلىشى 13-3:1

ئۇلار تاللىشى ئارقىلىق (بىلەن ۋەسۋەسىسى ئارقىلىق) «ئاللاھغا ئوخشاش» قىلماقچى ئىدى. مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۇلار ئاللاھقا ئىشىنەتتى ، ئەمما ھازىر ئۇلار «ئ‍اللاھغا ئوخشاش» بولۇشنى ، ئۆزىگە ئىشىنىشنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى بولۇشنى تاللىدى

مۇستەقىللىقنى تاللاپ ، ئۇلار ئۆزگەردى. ئۇلار نومۇس ھېس قىلىپ ، ئۆزلىرىنى يېپىشقا ئۇرۇندى. ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشكەندە ، ئادەم ھاۋانى (ۋە ئاللاھنى) ئەيىبلىدى. ھاۋا ئاندىن يىلاننى ئەيىبلىدى. ھېچكىم مەسئۇلىيەتنى قوبۇل قىلمىدى

گۇناھ – بۈگۈنكى جەمئىيەتنىڭ ئاقىۋەتلىرى

شۇ كۈنى باشلانغان ئىش داۋاملاشتى ، چۈنكى بىز ئوخشاش مۇستەقىل تەبىئەتكە ۋارىسلىق قىلدۇق. بەزىلەر تەۋراتنى خاتا چۈشىنىپ ، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ناچار تاللىشىدا بىزنى ئەيىبلەۋاتىدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئەيىبلەنگەن بىردىنبىر ئادەم ئەلەيھىسسالام ، ئەمما بىز ئۇنىڭ قارارىنىڭ ئاقىۋىتىدە ياشاۋاتىمىز. بىز ئالەمنىڭ ئاللاھى بولۇشنى خالىمىساقمۇ ، ھاياتىمىزنىڭ تەڭرى بولۇشنى خالايمىز

بۇ كىشىلىك ھاياتنىڭ نۇرغۇن قىسمىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ: بىز ئىشىكىمىزنى قۇلۇپلايمىز ، ساقچىغا موھتاج ، كومپيۇتېرىمىزدا مەخپىي نومۇر بار – چۈنكى بۇلار بولمىسا بىز بىر-بىرىمىزدىن ئوغرىلايمىز. مەدەنىيەتلەرنىڭ چىرىش خاھىشى بار ، شۇڭا جەمئىيەتلەر ئاخىرىدا يىمىرلايدۇ. شۇڭلاشقا ، گەرچە بارلىق شەكىلدىكى ھۆكۈمەت ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈملەرنىڭ بەزىلىرى باشقىلارغا قارىغاندا ياخشى بولسىمۇ، ئۇلار ئاخىرىدا چىرىكلىشىپ بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. بۇ سىزنىڭ ۋە مېنىڭ نېمە ئۈچۈن توغرا ئىشنى بىلىپ ، ئەمما ئاسانلا خاتالىق سادىر قىلىدىغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ

گۇناھ – نىشاننى قولدىن بېرىپ قويۇش

بۇ «قولدىن بېرىپ قويۇش» دېگەن سۆز بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى چۈشەندۈرىدۇ. تەۋراتتىن كەلگەن بىر ئايەت بۇنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن , بۇنى باشقا نەرسىگە ئوخشۇتۇدۇ. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن

«.بۇ پۈتكۈل قوشۇن ئارىسىدا خىللانغان يەتتە يۈز سولخاي ئەسكەر بولۇپ، سالغۇغا تاشنى سېلىپ نىشانغا ئاتسا، قىلچىمۇ قېيىپ كەتمەيتتى»

باتۇر ھاكىملار 20:16

.بۇ ئەسكەرلەر ئوقنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولغان ، ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويمايتتى. تەۋرات «قولدىن بېرىپ قويۇش»نى «گۇناھ» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ

بىر ئ‍ەسكەر تاشنى ئېلىپ نىشانغا ئاتىدۇ. ئەگەر ئۇنى نىشانغا تەكۇزەمىسە ، ئۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ، ئاللاھنىڭ ئوبرازىسى بىزنىڭ نىشانىمىز ئىدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن قانداق مۇناسىۋىتىمىز ۋە باشقىلارغا مۇھەببەت بىلەن قارايدىغانلىقىمىز مۇھىم ئىدى. ئەمما ئۇ بىز ئۈچۈن قىلغان نىشاننى قولدىن بېرىپ قويۇش بىر«گۇناھ» بولىدۇ.

كىشىلەر بەزىدە تەۋراتنىڭ تەلىماتىغا كۈچلۈك قارشى ئىنكاس قايتۇرىدۇ. ئەمما بىر نەرسىنى «ياقتۇرۇش» ئۇنىڭ ھەقىقىتى بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ سىز باج ، ئۇرۇش ياكى يەر تەۋرەشنى ياقتۇرمايسىز. ھېچكىم بۇلارنى ياقتۇرمايدۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ راسلىقىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا سەل قارىمايمىز. بىزنى بىر-بىرىمىزدىن قوغداش ئۈچۈن جەمئىيەتكە قۇرغان بارلىق قانۇن ، ساقچى ، قۇلۇپ ۋە بىخەتەرلىك سىستېملار دۇنيانىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ 

گۇناھ – بىزنى جەننەتتىن يىراقلاشتۇرىدۇ

بۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر سەۋەبىدىن ، نۇرغۇنلىرى جەننەتكە بېرىشنى خالايدۇ. ئۇلار ئۇ يەردىكى ئىشلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. زەبۇر بىزنىڭ ھازىرقى چىرىكلىكىمىزنى تەسۋىرلىگەندىن كېيىنكى قىسىمدا جەننەتكە كىرىش مەزمۇنلارنى ئوتتۇرىغا قويدى

داۋۇت يازغان كۈي: ــ

پەرۋەردىگار، كىم چېدىرىڭدا تۇرالايدۇ؟

1 كىم پاك-مۇقەددەس تېغىڭدا ماكانلىشىدۇ؟

،كىمكى تامامەن دۇرۇسلۇقتا ماڭسا

،ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزسە

2 كۆڭلىدە ھەقىقەتنى سۆزلىسە؛

،تىلى بىلەن گەپ توشۇمىسا

،ئۆز يېقىنىغا يامانلىق قىلمىسا

3 ،قوشنىسىنىڭ ئەيىبىنى كولاپ ئاچمىسا

،پەس ئادەمنى كۆزگە ئىلمىسا

،پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلارنى ھۆرمەتلىسە

4 ،ئۆزىگە زىيانلىق بولغان تەقدىردىمۇ ئىچكەن قەسىمىنى ئۆزگەرتمىسە

،پۇلنى خەقلەرگە ئۆسۈمگە بەرمىسە

بىگۇناھلارنىڭ زىيىنىغا پارا ئالمىسا؛

،كىمكى مۇشۇلارنى قىلسا

5 .مەڭگۈگە تەۋرەنمەس

زەبۇر 5 -1 : 15

پەقەت داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەھىيسى تەسۋىرلىگەندەك ھەرىكەت قىلىدىغانلار جەننەتكە (ئاللاھنىڭ «مۇقەددەس تېغى»غا) كىرەلەيدۇ. بۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق ، چۈنكى ئاللاھ بۇزۇلغان كىشىلەرنى جەننەتكە كىرگىسسە ، بىز بۇ گۈزەل جايىنى بۇ دۇنيانى بۇزغاندەك بۇزۇۋېتىمىز. ئەمما بۇمۇ بىر مەسىلە پەيدا قىلىدۇ ، چۈنكى ئارسىمىزدا كىملەر مۇشۇنداق ياشايدۇ؟

بىزنىڭ قۇتۇلۇشىمىز مۆلچەرلەندى

بىزدە بىر مەسىلە بار. بىز ئاللاھ ياراتقان ئوبرازىنى بۇزدۇق. ھازىر ئەخلاقىي ھەققىدە نىشاننى قولدىن بېرىپ قويىمىز. ئەمما ئاللاھ بىزنى ئامالسىز قويمىدى. ئۇنىڭ بىزنى قۇتۇلدۇرۇش پىلانى بار ، شۇڭلاشقا ئىنجىلنىڭ مەنىسى «خۇشخەۋەر» ئىدى. ئاللاھ بۇنى باشتا ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ھاۋا ئانا بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئېلان قىلدى. بىز ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ بەلگىسىدە بۇ تۇنجى خۇش خەۋەرنى كۆرىمىز

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *