Skip to content
Home » ئىيسا ئەل مەسىخ ئارقىلىق ھاياتنىڭ سوۋغىسىنى چۈشىنىش ۋە قوبۇل قىلىش

ئىيسا ئەل مەسىخ ئارقىلىق ھاياتنىڭ سوۋغىسىنى چۈشىنىش ۋە قوبۇل قىلىش

  • by

بىز پەيغەمبەر ئىيسا ئەل مەسىخنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىنى تەكشۈردۇق. ئىنجىل ئۇنىڭ 6-كۈنى – جۈمە كۈنى كرېستكە مىخلانغانلىقىنى ، كېيىنكى يەكشەنبە كۈنى قايتا تىرىلگەنلىكىنى خاتىرىلەيدۇ . تەۋرات ۋە زابۇر ۋە پەيغەمبەرلەرھەر ئىككىسى بۇنى ئالدىن مۆلچەرلەيدۇ. ئەمما بۇ نېمە ئۈچۈن يۈز بەردى ، بۈگۈن سىز ۋە مەن ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ يەردە بىز ئىيسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نېمىلەرنى تەقدىم قىلىدىغانلىقىنى ، قانداق قىلىپ رەھىم-شەپقەت ۋە كەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزنى چۈشىنىشكە تىرىشىمىز. بۇ بىزگە ھەتتا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ساففات سۈرىسى (37-سۈرە)دە بايان قىلىنغان تۆلەم ، فاتىھە سۈرىسى (1-سۈرە)دە بايان قىلىنغان ئاللاھتىن «بىزگە توغرا يولنى كۆرسىتىشنى» تەلەپ قىلغىنىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. شۇنداقلا ، ئۇ بىزگە نېمە ئۈچۈن «مۇسۇلمان»نىڭ «بويسۇنغۇچى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ، نېمە ئۈچۈن ۋۇدۇ ، زاكات ۋە ھالال يېيىش قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ياخشى نىيەت ئىكەنلىكىنى ، ئەمما قىيامەت كۈنىدە ئولارنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ

شۇم خەۋەر – پەيغەمبەرلەرنىڭ بىزنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ھەققىدە ئېيتقانلىرى

:تەۋرات تەلىم بېرىدۇكى ، ئاللاھ ئىنسانلارنى ياراتقاندا

شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئىنساننى ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدا ياراتتى؛
ئۇنى ئۆزىنىڭ سۈرىتىدە ياراتتى؛
.ئۇلارنى ئەركەك-چىشى قىلىپ ياراتتى
يارىتىلىش 27:1

بۇ «ئوبراز» فىزىكىلىق مەنىدىكى نەرسە ئەمەس ، بەلكى ئاللاھ بىزنى ئۇنى ھېسسىيات ، روھىي ، ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋى خىزمەت ئۇسۇلىمىزدا تونۇشىمىزدا ئەكىس ئەتتۈردى. بىز ئاللاھقا ئېتىقات قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان. بىز بۇ مۇناسىۋەتنى تۆۋەندىكى تام تەسۋىردە تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. بىزنى ياراتقۇچى ئاللاھ چەكسىز ھۆكۈمدار بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەڭ تۆپىسىگە قويىلغان ، ۋە بىز ئەر-ئايال مەڭگۈ ياشىمايدىغان مەخلۇق بولغاچقا ، رەسىمدە تام تەسۋىرنىڭ ئاستىغا قويۇلغان. يېشىل ئوق بۇ مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىدۇ

 
Created in His image, people were made to be in relationship with the Creator
بۇ ئوبراز يارىتىلغان كىشىلەر ۋە ياراتقۇچى ئوتتۇرىسىكى مۇناسىۋەتنى كۆرستىدۇ

:ئاللاھ خاراكتېر جەھەتتە مۇكەممەل – ئۇ دىگەن مۇقەددەس. بۇ سەۋەبتىن زابۇر مۇنداق دەيدۇ

چۈنكى سەن رەزىللىكتىن ھۇزۇر ئالغۇچى ئىلاھ ئەمەسدۇرسەن؛
.يامانلىق ھەرگىز سەن بىلەن بىللە تۇرمايدۇ
 پوچى-تەكەببۇرلار كۆزۈڭ ئالدىدا تۇرالمايدۇ؛
.قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ساڭا يىرگىنچلىكتۇر
زەبۇر 5: 4-5

ئادەم ئەلەيھىسسالام پەقەت بىرلا قېتىم بۇيرۇققا بويسۇنماسلىق بىلەن خاتالىق ئۆتكۈزدى ، ئاندىن كېرەملىك ئاللاھ ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلدى. تەۋرات ۋە قۇرئان ئاللاھ ئۇلارنى مەڭگۇ ياشىمايدىغان قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدىن قوغلىغانلىقىنى خاتىرلەيدۇ. بىز ئۈچۈن ئوخشاش ئەھۋال مەۋجۇت ، يەنى بىز گۇناھ سادىر قىلغاندا ياكى ھەر قانداق شەكىلدە ئاللاھقا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان ۋاقتىمىزدا. بىز ئاللاھ بىزنى ياراتقان ئوبراز بويىچە ھەركەت قىلمىغاچقا، بىزنىڭ ياراتقۇچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز بۇزۇلىدۇ. بۇ بىزنىڭ ياراتقۇچىمىز بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزغا تاشدەك توسۇقنى پەيدا قىلىدۇ

 
Our sins create a barrier between us and Holy God
گۇناھلىرىمىز مۇقەددەس ئاللاھ بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا مۇستەھكەم توساق پەيدا قىلىدۇ

دىن ئارقىلىق گۇناھنىڭ توسىقىنى تېشىپ ئۆتۈش

نۇرغۇن كىشىلەر بۇ توساقنى دىنىي ئەمەللەر ياكى توساقلارنى بۇزۇشقا يېتەرلىك ئەسەرلەر ئارقىلىق تېشىپ ئۆتۈشكە تىرىشىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىم كۆرسەتكەندەك، دۇئا قىلىش ، روزا تۇتۇش ، ھەجگە بېرىش ، مەسچىتكە بېرىش ، زاكات ۋە سەدىقە قىلىش ئۇ توساقنى تېشىشقا ياردەم قىلىدۇ. ئۈمىد شۇكى ، دىنىي ساۋاب بەزى گۇناھلارنى بىكار قىلىدۇ. ئەگەر نۇرغۇن ئەمەللىرىمىز يېتەرلىك ساۋابقا ئېرىشسە ، بىز بارلىق گۇناھلىرىمىزنى يۈيۈپ ، رەھىم-شەپقەت ۋە كەچۈرۈمگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز

 
We try to pierce this barrier by doing good deeds to earn merit before Allah
بىز ئاللاھنىڭ ئالدىدا ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق بۇ توساقنى تېشەلەيمىز

ئەمما بىز گۇناھلىرىمىزنى بىكار قىلىشقا قانچىلىك لايىقمىز؟ بىزنىڭ ساۋابلىق ئىشلىرىمىز گۇناھلىرىمىزنى بىكار قىلىش ۋە ياراتقۇچىمىز بىلەن بولغان ئوتتۇرىدىكى توساقنى تېشىش ئۈچۈن يېتەرلىك بولامدۇ؟ بىز ياخشى نىيەتلەر ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىمىزنىڭ يېتەرلىك ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلەمدۇق؟ بىزنىڭ كاپالىتىمىز يوق ، شۇڭا بىز كۈچىمىز يېتىشىچە قىلىشقا تىرىشىمىز ۋە ئۇنىڭ قىيامەت كۈنىدە يېتەرلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز

ياخشى نىيەت بىلەن ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن ، نۇرغۇنلىرىمىز پاكىزە تۇرۇش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەيمىز. بىز نامازدىن بۇرۇن ئەستايىدىللىق بىلەن تاھەرەت ئالىمىز. بىز كىشىلەرنى ناپاك قىلىدىغان ئادەملەر ، نەرسە ۋە يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشىمىز. ئەمما ئىشايا پەيغەمبەر بۇنى ئاشكارىلىدى

،ئەمدى بىز ناپاك بىر نەرسىگە ئوخشاش بولدۇق
قىلىۋاتقان بارلىق «ھەققانىيەتلىرىمىز» بولسا بىر ئەۋرەت لاتىسىغىلا ئوخشايدۇ، خالاس؛
،ھەممىمىز يوپۇرماقتەك خازان بولۇپ كەتتۇق،
.قەبىھلىكلىرىمىز شامالدەك بىزنى ئۇچۇرۇپ تاشلىۋەتتى
يەشايا 6:64

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە گەرۋە بىز ناپاك قىلىدىغان ھەممە نەرسىلەردىن يىراق تۇرساقمۇ ، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز «ھەققانىي ئەمەللىرىمىزنى» كېرەكسىز قىلىشتا خۇددىي «مەينەت لاتا» غا ئوخشاش بىزنى پاكلىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ بىر شۇم خەۋەر. ئەمما ئۇ تېخىمۇ ناچارلىشىدۇ

ئەڭ ناچار خەۋەر: گۇناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ كۈچى

مۇسا ئەلەيھىسسالام تەۋرات قانۇنىدا پۈتۈنلەي ئىتائەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئۆلچەمنى ئېنىق بەلگىلىدى . قانۇن ئەزەلدىن «كۆپ قىسىم بۇيرۇقلارغا ئەمەل قىلىشقا ئۇرۇنۇش» دېگەندەك گەپلەرنى قىلمىدى. ئەمەلىيەتتە ، قانۇن قايتا-قايتا گۇناھنىڭ تۆلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان خىزمەتنىڭ ئۆلۈم ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا قويدى . بىز نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ، ھەتتا لۇتنىڭ ئايالىدىنمۇ ئۆلۈمنىڭ گۇناھتىن كېلىپ چىققانلىقىنى كۆردۇق

:ئىنجىل بۇ ھەقىقەتنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلىدى

چۈنكى گۇناھنىڭ ئىش ھەققى يەنىلا ئۆلۈمدۇر، بىراق خۇدانىڭ رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا بولغان سوۋغىتى بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر

رىملىقلارغا 6 : 23

ئۆلۈمنىڭ مەنىسى «ئايرىلىش»نى بىلدۈرىدۇروھىمىز بەدىنىمىزدىن ئايرىلغاندا جىسمانى جەھەتتىن ئۆلىمىز. ئوخشاشلا ، بىز ھازىر روھىي جەھەتتىن ئاللاھدىن ئايرىلدۇق ۋە ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۆلۈك ۋە ناپاكلاندۇق

بۇ بىزنىڭ گۇناھىمىزنى تۆلەش ئۈچۈن بىر لايىق تېپىش ئۈمىدىمىزنىڭ مەسىلىسىنى ئاشكارىلايدۇ. مەسىلە شۇكى ، بىزنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقىمىز ، ئارتۇقچىلىقىمىز ، ياخشى نىيىتىمىز ۋە ئىشلىرىمىز خاتا بولمىسىمۇ ، بۇلار يېتەرلىك ئەمەس ، چۈنكى بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز تەلەپ قىلىدىغان ھەق («ئىش ھەققى») دىگەن «ئۆلۈم». پەقەت ئۆلۈملا بۇ تامنى تېشىپ ئۆتەلەيدۇ ، چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ ھەققانىيلىقىنى قاندۇرىدۇ. بىزنىڭ ئارتۇقچىلىققا ئېرىشىش تىرىشچانلىقىمىز ھالال يېمەكلىكلەرنى يېيىش ئارقىلىق راكنى (ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ) داۋالىتىشقا ئوخشايدۇ. ھالال يېيىش يامان ئەمەس ، بۇ ياخشى – ۋە ھالال يېيىشىمىز كېرەك ، ئەمما ئۇ راكنى داۋالىمايدۇ. راكقا نىسبەتەن ، سىز راك ھۈجەيرىسىنى ئۆلتۈرىدىغان پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان داۋالاشقا موھتاج

شۇڭا بىزنىڭ دىنىي ساۋاب يارىتىش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىمىز ۋە ياخشى نىيىتىمىز بولسىمۇ ، لېكىن بىز ياراتقۇچىمىزنىڭ نەزىرىدە جەسەت سۈپىتىدە ئۆلۈك ۋە ناپاك

 
Our sin results in death - We are like unclean dead bodies before Allah
بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ – بىز ئاللاھنىڭ ئالدىدا ناپاك جەسەتلەرگە ئوخشايمىز

ئىبراھىم – بىزگە تۈز يولنى كۆرسىتىدۇ

ئ‍ىبراھىم ئەلەيھىسسالامدا بولسا بۇ ئىشلار باشقىچە ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ساۋابى سەۋەبىدىن ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭغا بېرىلگەن ۋەدىگە ئىشىنىدىغانلىقى ۋە ئاللاھقا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن «ھەققانىيلىق»قا ئېرىشەلىدى . ئۇ ئاللاھقا ئىشەندى ھەم ئۆزىگە بۈيرۇلغان تۆلەمنى ئۆزى ئېرىشىشتىن كۆرە ، تۆلەشنى لايىق تاپتى. بىز بۇنى ئۇنىڭ ئۇلۇغ قۇربانلىقىدا ئۆلۈمنى (گۇناھنىڭ بەدىلى) ئوغلى بىلەن ئەمەس ، بەلكى ئاللاھ تەمىنلىگەن قوزا بىلەن تۆلىگەنلىكىنى كۆردۇق

 
Ibrahim was revealed the Way - He simply trusted God's Promise and God Provided the payment
ئاللاھ ئىبراھىمغا توغرا يولنى كۆرسەتتى – ئۇ پەقەت ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنەتتى ، ئاللاھ گۇناھ ئۈچۈن تۆلىنىدىغان ئۆلۇم تۆلۈمىنى تەمىنلىدى

:قۇرئان بۇ توغۇرلۇق ساففات سۈرىسىدە مۇنداق دەيدۇ

.بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى (يەنى جەننەتتىن چىققان قوچقارنى) بەردۇق

.كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق

!ئىبراھىمغا سالام بولسۇن

(سۈرە ساففات 37: 107-109)

.ئاللاھ «تۆلەم»نى تۆلىدى ۋە ئىبراھىم «تىنچلىق»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەخت ، رەھىم ۋە مەغفىرەتكە ئېرىشتى

خۇشخەۋەر: ئىيسا ئەل مەسىخنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان ئەسىرى

:پەيغەمبەرنىڭ مىسالى فاتىھە سۈرىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بىزگە توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ

.قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر

.رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز)

.بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن

غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن)

سۈرە فاتىھە 1: 4-7 

ئىنجىل چۈشەندۈرۈپ ، بۇ ئاللاھنىڭ گۇناھلارنى قانداق مەغفىرات قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاددىي ، ئەمما كۈچلۈك ئۇسۇلدا ئۆلۈم ۋە ناپاكلىقنى داۋالايدىغان بىر يول كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى

چۈنكى گۇناھنىڭ ئىش ھەققى يەنىلا ئۆلۈمدۇر، بىراق خۇدانىڭ رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا بولغان سوۋغىتى بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر

رىملىقلارغا 23:6

ھازىرغا قەدەر ، ھەممىسى «شۇم خەۋەر» بولۇپ كەلدى. ئەمما «ئىنجىل» «خۇشخەۋەر»نى بىلدۈرىدۇ. ئىيسانىڭ قۇربانلىقنىڭ بىز بىلەن ئاللاھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى توساقنى تېشىش ئۈچۈن كۇپايە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا ، بىز نېمە ئۈچۈن كۆرسىتىلگەندەك خۇش خەۋەر ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز

 
The sacrifice of Isa al Masih - the lamb of God - makes the payment for sin on our behalf
ئىيسا ئال مەسىھنىڭ قۇربانلىق قىلىشى – خۇدانىڭ قوزىسى ، ئىبراھىمنىڭ قوزىسىدەك بىزگە ۋاكالىتەن گۇناھ ئۈچۈن ئۆلۈم تۆلەيدۇ
 
The resurrection of Isa al Masih was 'firstfruits'. We are freed from death and receive the same resurrection life.
ئىيسا ئەل ماسىخنىڭ تىرىلىشى. بىز ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ ، ئوخشاش تىرىلىش ھاياتىغا ئېرىشەلەيمىز

ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇربانلىق قىلىنىشىدەك بەدەل تۆلىشى، بىز بىلەن ئاللاھنى ئايرىپ تۇرىدىغان توسىقىنىڭ دەرۋازى بولدى. بۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەر مۇنداق دېگەن

ئىشىك ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئارقىلىق كىرگىنى قۇتقۇزۇلىدۇ ھەم كىرىپ-چىقىپ، ئوت-چۆپلەرنى تېپىپ يېيەلەيدۇ.

 ئوغرى بولسا پەقەت ئوغرىلاش، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزۇش ئۈچۈنلا كېلىدۇ. مەن بولسام ئۇلارنى ھاياتلىققا ئېرىشسۇن ۋە شۇ ھاياتلىقى مول بولسۇن دەپ كەلدىم

(يۇھاننا 10: 9-10)

 
Isa al Masih is thus a Gate that breaks through the barrier of sin and death
ئىيسا ئەل مەسىھ شۇنىڭ بىلەن گۇناھ ۋە ئۆلۈم توسىقىدىن ئۆتىدىغان دەرۋازا

بۇ دەرۋازا بولغاچقا ، بىز گۇناھلىرىمىز توساققا ئايلىنىشتىن بۇرۇن ، ياراتقۇچىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ئەسلىگە قايتۇراللايمىز. ھازىر ، بىز رەھىم-شەپقەتكە ۋە گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلالايمىز

 
With an open Gate we now are restored in Relationship with our Creator
بۇ ئ‍وچۇق دەرۋازا ياراتقۇچىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ

:ئىنجىل جاكارلىغاندەك

چۈنكى بىرلا خۇدا باردۇر، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا بىر كېلىشتۈرگۈچىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزى ئىنسان بولۇپ كەلگەن مەسىھ ئەيسادۇر.

ئۇ بارلىق ئىنسانلارنى ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەدەل تۆلىدى؛ شۇنداق قىلىپ بېكىتىلگەن ۋاقىت-سائىتىدە خۇدانىڭ نىجاتىغا گۇۋاھلىق بېرىلدى

تىموتىيغا «1» 2: 5-6 

تەڭرىنىڭ سىزگە بەرگەن سوۋغىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى « ھەممە ئادەم » ئۈچۈن «بېغىشلىدى». شۇڭا بۇ چوقۇم سىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ھاياتى ۋە ئۆلۈمى ئارقىلىق بەدەل تۆلەپ ، بىزنىڭ ھاياتىمىزغا ئۆزگۇرۇش ئاتا قىلدى. بۇ ھايات قانداق بېرىلگەن؟

چۈنكى گۇناھنىڭ ئىش ھەققى يەنىلا ئۆلۈمدۇر، بىراق خۇدانىڭ رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا بولغان سوۋغىتى بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر

رىملىقلارغا 23:6

بىر سوۋغات بېرىلىشى كېرەك

ئۇنىڭ بىزگە قانداق بېرىلگەنلىكىگە دىققەت قىلىڭ. ئۇ… « سوۋغات » سۈپىتىدە تەمىنلىنىدۇ . سوۋغاتلار توغۇرلۇق ئويلاپ بېقىڭ. سوۋغات قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئەگەر ئۇ ھەقىقەتەن سوۋغات بولسا ، سىز ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىمەيمۇ ۋە لايىق بولمىسىڭىزمۇ ئۇ سىزگە ھامان بېرىلىدىغان بىر نەرسە . ئەگەر ئۇنىڭغا ئېرىشكەن بولسىڭىز ، بۇ سوۋغات ئەمدى سوۋغات بولمايتتى – ئۇ ئىش ھەققى بولاتتى

بىر سوۋغات دېگەن نېمە؟ ئۇ « مەڭگۈلۈك ھايات ». دېمەك ، سىز ۋە ماڭا ئۆلۈم ئېلىپ كەلگەن گۇناھ ھازىر تۆلۈنۈپ بولدى. ئاللاھ سىزنى ۋە مېنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. بۇ شۇنچىلىك كۈچلۈك

ئۇنداقتا سىز ۋە مەن قانداق قىلىپ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيمىز؟ يەنە سوۋغاتلارنى ئويلاپ بېقىڭ. ئەگەر بىرەرسى سىزگە سوۋغات بەرمەكچى بولسا ، ئۇنى چوقۇم «قوبۇل قىلىشىڭىز» كېرەك. ھەر ۋاقىت بىزگە سوۋغا قىلىنغان سوۋغات بار ، پەقەت ئىككى خىل تاللاش بار. سوۋغاتنى رەت قىلالايمىز («بولدى رەھمەت») ياكى تاپشۇرۇۋالالايمىز (« بۇ سوۋغاتنى بەرگىنىڭىزگە رەھمەت»). شۇڭا بۇ سوۋغاتنى چوقۇم تاپشۇرۇۋېلىشىڭىز كېرەك . بىز پەقەت روھىي جەھەتتىن ئىشىنىشكە ، تەتقىق قىلىشقا ياكى چۈشىنىشكە ئامالسىز. پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ، بىزگە سۇنۇلغان ھەر قانداق سوۋغاتنى «قوبۇل قىلىشىمىز» كېرەك

شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنى قوبۇل قىلغانلار، يەنى ئۆز نامىغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدانىڭ پەرزەنتى بولۇش ھوقۇقىنى ئاتا قىلدى.

 ئۇنى قوبۇل قىلغان مۇشۇلار يا قاندىن، يا ئەتلەردىن، يا ئىنسان ئىرادىسىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن تۆرەلگەن بولىدۇ.

يۇھاننا 1: 12-13

:ئەمەلىيەتتە ، ئىنجىل ئاللاھ ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ

.بۇنداق دۇئا-تىلاۋەت قىلىش گۈزەل ئىشتۇر، قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ

 .چۈنكى ئۇ پۈتكۈل ئىنساننىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىنى خالايدۇ.

 تىموتىيغا «1» 2: 3-4

ئۇ نىجاتكار ، ئۇنىڭ ئارزۇسى «بارلىق كىشىلەر» ئۇنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلىپ ، ئۇلارنى گۇناھ ۋە ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش. ئەگەر بۇ ئۇنىڭ ئىرادىسى بولسا ، ئۇنىڭ سوۋغىسىنى قوبۇل قىلىش پەقەت ئۇنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنىش بولىدۇ – بويسۇنغۇچى «مۇسۇلمان» سۆزىنىڭ مەنىسى. ئۇنداقتا بىز بۇ سوۋغاتنى قانداق قوبۇل قىلىمىز؟ ئىنجىل مۇنداق دەيدۇ

رەببىمىزنىڭ نامىنى چاقىرغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ (رىملىقلارغا 10: 12)

بۇ ۋەدىنىڭ «ھەممە ئادەم» ئۈچۈن ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىڭ.  ئىيسا ئەل مەسىخ ھازىرمۇ ھايات. شۇڭا تەڭرىنى چاقىرسىڭىز ئۇ ئاڭلايدۇ ۋە سوۋغىسىنى سىزگە بېرىدۇ. سىز ئۇنى چاقىرىپ ئۇنىڭدىن سوراڭ. بەلكىم سىز ئەزەلدىن بۇنداق قىلىپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئىبراھىم ئىسا ئەلەيھىسسالامغا قويغان ئىشەنچىسى بىزگە بۇ سوۋغاتنى بېرىشكە ياردەم قىلىدۇ. بىز ئۇنىڭغا ئىشەنگەندە ئۇ بىزنى ئاڭلايدۇ ۋە جاۋاب بېرىدۇ. ئىنجىل كۈچلۈك ، ئەمما ئۇ شۇنداق ئاددىي 

ئەل كىتابتىن بارلىق بەلگىلەرنىڭ پ.د.ف نى كىتاب قىلىپ چۈشۈرۈڭ

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *