ئىنگلىز تىلىدىكى «ۋېرگۇ» (كەنج قىز) ۋە يۇلتۇزلارنىڭ مۆچەللەر ھاياتنىڭ بەلگىلىرى
:بۇرۇج سۈرىسى مۆچەللەرنى تىلغا ئالىدۇ
بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن، قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن قەسەمكى
بۇرۇج سۈرىسى 1دىن 3-ئايەتلەر
بۇرۇج سۈرىسى مۇنداق دەيدۇ: مۆچەللەر قىيامەت كۈنىنىڭ گۇۋاھچىسى بولىدۇ. ئەمما بۇ نېمنى بىلدۇرىدۇ؟
مۆچەللەر / بۇرجلىرىنىڭ ئون ئىككى بەلگىسى ئاسترولوگىيە ۋە يۇلتۇزلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۈگۈنكى يۇلتۇزلارنىڭ تىزىلىشى بۇ ئون ئىككى مۆچەللەرنى ئىشلىتىپ ، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك تەلىيىڭىزنى مۆلچەرلەيدۇ. يۇلتۇزلارنىڭ تىزىلىشى ئاندىن سىزنى ھەقىقىي مۇھەببەت ياكى مۇناسىۋەتلەر بىلەن ساغلاملىق ، بايلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەت تېپىشقا يېتەكلەيدۇ. تۇغۇلغان ۋاقتىڭىز بۇ يۇلتۇزلارنىڭ تىزىلىشىغا باغلانغان ، بۇنىڭ ئون ئىككى مۆچەللىرى بار
- ۋېرگۇ: ئاۋغۇستنىڭ 24-كۈنىدىن سېنتەبىرنىڭ 23-كۈنىگىچە
- تارازا / لىبرا: سېنتەبىرنىڭ 24-كۈنىدىن ئۆكتەبىرنىڭ 23-كۈنىگىچە
- چايان: ئۆكتەبىرنىڭ 24-كۈنىدىن نويابىرنىڭ 22-كۈنىگىچە
- ئوقياچى: نويابىرنىڭ 23-كۈنىدىن دېكابىرنىڭ 21-كۈنىگىچە
- كاسىپورىن: دېكابىرنىڭ 22-كۈنىدىن يانۋارنىڭ 20-كۈنىگىچە
- سۇ توشۇغۇچى: يانۋارنىڭ 21-كۈنىدىن فېۋرالنىڭ 19-كۈنىگىچە
- پىسسىس: فېۋرالنىڭ 20-كۈنىدىن مارتنىڭ 20-كۈنىگىچە
- ئارىيس: مارتنىڭ 21-كۈنىدىن ئاپرېل 20-كۈنىگىچە
- تورۇس: ئاپرېلنىڭ 21-كۈنىدىن ماينىڭ 21-كۈنىگىچە
- جەمىناي: ماينىڭ 22-كۈنىدىن ئىيۇننىڭ 21-كۈنىگىچە
- راك: ئىيۇننىڭ 22-كۈنىدىن ئىيۇلنىڭ 23-كۈنىگىچە
- شىر: ئىيۇلنىڭ 24-كۈنىدىن ئاۋغۇستنىڭ 23-كۈنىگىچە
ئاسترولوگىيە ۋە زامانىۋى يۇلتۇزلارنىڭ تىزىلىشى
يۇلتۇزلارنىڭ تىزىلىشىنى ئىنگلىزچىدە «خوروسكوپ» دەپ يېزىلىدۇ. بۇ گرېك سۆز «خورا»دىن كەلگەن بولۇپ ، «سائەت ، پەسىل ياكى ۋاقىت»نى بىلدۈرىدۇ. گرېك سۆز «سكوپوس» بولسا «دىققەت قىلىدىغان نىشان ياكى بەلگە» مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئاسترولوگىيە: «ئاسترو» يۇلتۇزنى بىلدۈرىدۇ ۋە «لوگىيە» «تەتقىقاتنى» كۆرستىدۇ . شۇڭلاشقا ھازىرقى زاماننىڭ ئاسترولوگىيە ۋە يۇلتۇزلارنىڭ تىزىلىشى ئىدىيەسى بۇرجلارغا قاراپ ، ئاساسەن ئادەمنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى خاتىرىلەش
ئەمما بۇ قەدىمكى كىشىلەرنىڭ ئاسترولوگىيەنى ئوقۇغان ئەسلى ئۇسۇلىمۇ؟
مۆچەللەر دېگەن نېمە؟ ئۇلار نەدىن كەلگەن؟
بۇ ئون ئىككى مۆچەللەر بولسا يىل بويى يەرشارىدا كۆرۈنگەن يۇلتۇز تۈركۈملىرى. فۇرقان سۈرىسى بىزگە ئاللاھنىڭ ئۆزى يۇلتۇز تۈركۈمىنى ياراتقانلىقىنى ئېيتىدۇ
.ئاسماندا بۇرۇجلارنى، يېنىپ تۇرىدىغان چىراقنى (يەنى كۈننى) ۋە نۇرلۇق ئاينى ياراتقان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر
فۇرقان سۈرىسى 61 -ئايەت
ئاللاھ بۇ بۇرجلارنى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟ قەدىمكى كىشىلەر مۆچەللەرنىڭ ئون ئىككى بەلگىسىنى قانداق ئىشلەتكەن؟
دىققەت! بۇ سوئالغا جاۋاب بەرسىڭىز يۇلتۇزلارنىڭ تىزىلىشى توغۇرلۇق نۇرغۇن يېڭى نەرسىنى ئۈگىنىسىز. ئۇ سىزنىڭ مۆچەل بەلگىڭىزنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق سىز ئويلىغاندىن باشقا سەپەرگە باشلايدۇ
… كىتابتا (ئىنجىلدا)
:تەۋراتتىن ئىلگىرىمۇ يېزىلغان ئىنجىلنىڭ ئەڭ قەدىمكى كىتابى ئايۇپ ئىدى . ئايۇپ يەنە ئاللاھ يۇلتۇز تۈركۈمى ياراتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى
،ئۇ يەتتە قاراقچى يۇلتۇز، ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە قەلب يۇلتۇز توپىنى
.جەنۇبىي يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىمۇ ياراتقان
ئايۇپ 9:9
:ئىنجىلنىڭ يەنە بىر پەيغەمبىرى ئاموسمۇ شۇنداق دېگەن
،سىلەر ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە قەلب يۇلتۇز توپىنى ياراتقۇچى
،ئۆلۈم كۆلەڭگىسىنى تاڭ نۇرىغا ئايلاندۇرغۇچى
،كۈندۈزنى قاراڭغۇلۇق بىلەن كېچىگە ئايلاندۇرغۇچى
دېڭىزدىكى سۇلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە قۇيغۇچىنى ئىزدەڭلار؛
.پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر
ئاموس 5:8
قەلب يۇلتۇز توپى بولسا تورۇس يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ بىر قىسمى. ئەگەر ئايۇپ 4000 يىلدىن بۇرۇن يۇلتۇز تۈركۈملىرى ھەققىدە سۆزلىگەن بولسا ، بۇ مۆجەللەر بىز بىلەن بىللە بولغىلى ئۇزۇن بوپتۇ. بىز قەدىمكى كىشىلەرنىڭ مۆچەللەرنى قانداق ئىشلىتىپ ، بۈگۈنكى يۇلتۇزلارنىڭ تىزىلىشىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. بىز ۋېرگۇ يۇلتۇز تۈركۈمى ئارقىلىق تەتقىق قىلىمىز
ئاللاھنىڭ ئۆزىدىن كەلگەن يۇلتۇزلار ۋە مۆجەللەر
فۇرقان ، بۇرۇج ۋە ئايۇپ سۈرىلەر يۇلتۇز تۈركۈملىرىنى ئاللاھ باشتىن ياراتقان «ئالامەتلەر» دەپ جاكارلايدۇ. پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۇچۇرى كىتابلارغا خاتىرىلىنىشتىن خېلى بۇرۇنلا ، ئاللاھنىڭ پىلانىنىڭ ھېكايىسىنى يۇلتۇزلار بىزگە ئېيىتقان. ئەسلىدىكى مۆچەللەر بىزنىڭ تۇغۇلغان يىلىمىزغا قاراپ ، بىزنىڭ بايلىق ، مۇھەببەت ۋە بەختىمىزنى كۆرستىش ئۈچۈن ئىشلىتىلمىگەن. مۆچەللەر بۇرۇن بىزنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان ئىشلىتىلگەن ئىدى
:بىز بۇنى تەۋراتنىڭ بېشىدىكى ھېساباتىدا كۆرىمىز. يارىتىلىشنىڭ ئالتە كۈنىدە مۇنداق دېيىلگەن
خۇدا يەنە: «كۈندۈز بىلەن كېچىنى ئايرىپ بېرىش ئۈچۈن ئاسمانلاردا يورۇقلۇق جىسىملار بولسۇن. ئۇلار كۈنلەر، پەسىللار ۋە يىللارنى ئايرىپ تۇرۇشقا بەلگە بولسۇن؛
يارىتىلىش 14: 1
زامانىۋى ئاسترولوگىيە يۇلتۇزلارنىڭ ئورنىغا قاراپ، ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرى ۋە يەرشارىدىكى ۋەقەلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەمما تۇرمۇشىمىزغا تەسىر قىلمايدۇ. ئۇلار پەقەت ئاللاھ پىلانلىغان ۋەقەلەرنىڭ بەلگىسى بولۇپ ، ئاللاھ بىزنىڭ ھاياتىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
يۇلتۇزلارنىڭ يارىتىلىشى «مۇقەددەس دەۋرىنى خاتىرىلەش» ئىدى ۋە «خورا» (ۋاقىت دەۋرى) + «سكوپوس» (فوكۇسنى بەلگىلەش) دېگەنلىك بولغاچقا ، يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئون ئىككى مۆچەللەرنىڭ مەقسىتى بىزگە ئۇنىڭ كەلگۈسىنى بىلدۇرىدۇ. يۇلتۇزلار بىر ھېكايەنى قۇرىدۇ
ئاسترولوگىيە بىلەن پەيغەمبەرلەر بىرلىكتە
مۇقەددەس ۋاقىتلارنى بەلگىلەش ئۈچۈن يۇلتۇزلارنى تەتقىق قىلسىڭىزمۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ۋەقەلەر ھەققىدە پىلانلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېمەيدۇ. ئاللاھنىڭ يازما خاتىرلىرى تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى بېرىدۇ. بىز بۇنىڭ بىر مىسالىنى ئىيسا ئەل مەسىخنىڭ تۇغۇلۇشىدا كۆرىمىز. ئىنجىل ئاسترولوگىيەلىك يۇلتۇز ئارقىلىق ئىيسانىڭ تۇغۇلۇشىنى چۈشەندۇرىدۇ. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن
ئەيسا ھېرود پادىشاھ ھۆكۈم سۈرگەن كۈنلەردە يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ بەيت-لەھەم يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، مانا بەزى دانىشمەنلەر مەشرىقتىن يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىپ، پۇقرالاردىن: 1 يەھۇدىيلارنىڭ يېڭىدىن تۇغۇلغان پادىشاھى قەيەردە؟ چۈنكى بىز ئۇنىڭ يۇلتۇزىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق. شۇڭا، ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىلى كەلدۇق، ــ دېيىشتى. 2
ماتتا 2-1: 2
دانىشمەنلەر يۇلتۇزلاردىن «كىمنىڭ» تۇغۇلغانلىقىنى بىلدى. ئەمما يۇلتۇزلار ئۇلارغا «نەدە» تۇغۇلغانلىقىنى دېمىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار يازما ۋەھىيگە موھتاج ئىدى
بۇنى ئاڭلىغان ھېرود پادىشاھ، شۇنىڭدەك پۈتكۈل يېرۇسالېم خەلقىمۇ ئالاقزادىلىككە چۈشتى. 3 ئۇ پۈتكۈل باش كاھىنلار ۋە خەلقنىڭ تەۋرات ئۇستازلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلاردىن «مەسىھ قەيەردە تۇغۇلۇشى كېرەك؟» ــ دەپ سورىدى. 4 ئۇلار: «يەھۇدىيەدىكى بەيت-لەھەم يېزىسىدا بولۇشى كېرەك، ــ چۈنكى پەيغەمبەر ئارقىلىق شۇنداق پۈتۈلگەن: – 5
،ئى يەھۇدىيە زېمىنىدىكى بەيت-لەھەم»
خەلقىڭ يەھۇدىيە يېتەكچىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئەڭ كىچىكى بولمايدۇ؛
،چۈنكى سەندىن بىر يېتەكچى چىقىدۇ،
ئۇ خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ باققۇچىسى بولىدۇ» ــ دېيىشتى. 6
مەتتا 6-3: 2
ئاسترولوگىيەلىكلەر يۇلتۇزدا كۆرگەنلىرىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرگە موھتاج ئىدى. بۈگۈن بىز ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. بىز دەسلەپكى ئىنسانلار قەدىمكى ئاسترولوگىيەلىك يۇلتۇزلاردىن كەلگەن چۈشەنچىگە ئېرىشەلەيمىز. ئەمما بىز ھەر بىر مۆچەللەرنىڭ بەلگىلىرىنى تەرەققىي قىلىدىغان يازمىلار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئۆگىنەلەيسىز. مانا بىز ئەسلى مۆچەللەر ھېكايىسىنىڭ ھەر بىر ئاسترولوگىيەلىك بەلگىسىنى ئۆگىنىمىز
مۆچەل ھېكايىنىڭ باشلىنىشى
تارىخنىڭ بېشىدىن باشلاپ يۇلتۇزلارنىڭ ئارىسىدا يېزىلغان ھېكايە سىزگە تەكلىپنامە بېرىدۇ. ئۇ سىزنى ئاللاھنىڭ ئالەم پىلانىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. ئەمما بىز بۇ ھېكايىگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن ئۇنى چوقۇم چۈشىنىشىمىز كېرەك. ھېكايە نەدىن باشلىنىدۇ؟ بۈگۈنكى كۈندە يۇلتۇزلارنىڭ تىزىلىشىنى ئوقۇش ئادەتتە ئارىيسدىن باشلىنىدۇ. ئەمما قەدىمكى دەۋرلەردە ، ئۇ ۋېرگۇ بىلەن باشلانغان
.بىز مۆچەل ھېكايىسىنى ۋېرگۇ بىلەن باشلايمىز
يۇلتۇز تۈركۈمى: ۋېرگۇ

قىز ئايالنى كۆرەلەمسىز؟
تۆۋەندە يۇلتۇزلارنىڭ ۋېرگۇنى قۇرىۋاتقان رەسىمىنى كۆرۇڭ. ۋېرگۇ دىگەن بىر كەنج قىز. ئەمما بۇ كەنج قىزنى يۇلتۇزلارنىڭ ئىچىدە كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس. يۇلتۇزنىڭ ئۆزىمۇ تەبىئىيلا ئايالنىڭ ئوبرازىنى شەكىللەندۈرمەيدۇ
.بىز يۇلتۇزلارنى ئۇلىسازمۇ، كەنج قىزنىڭ ئوبرازىنى كۆرۈش يەنىلا تەس
لېكىن بۇ خاتىرىلەر مەۋجۇت بولغاندىن باشلاپ بىر ئالامەت ئىدى. ۋېرگۇ كۆپىنچە ھاللاردا ئەتراپلىق ئىپادىلىنىدۇ، ئەمما تەپسىلاتلار يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئۆزىدىن كەلمەيدۇ


دەندېرادىكى مۆچەللەر
تۆۋەندە دەندېرادا (مىسىرنىڭ بىر شەھەرى) مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1 – ئەسىردا قۇرۇلغان مۆچەل بۇتخانىسىنى كۆرىسىز. بۇ 12 خىل مۆچەللەرنى كۆرستىدۇ. ۋېرگۇنى رەسىمدا قىزىل دۈگلەك بىلەن بەلگىلەنگەن. ئوڭ تەرەپتىكى رەسىم بۇنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. قىزنىڭ دان ئۇرۇقىنى كۆتۈرۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. بۇ دان ئۇرۇقى سىپىكا يۇلتۇزنى بەلگىلەيدۇ – ۋېرگۇ يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ئەڭ نۇرلۇق يۇلتۇز

.مانا بۇ كېچە ئاسماندىكى سىپىكانى كۆرستىدۇ ، ۋېرگۇ يۇلتۇزلار سىزىق بىلەن ئۇلانغان

ئەمما سىپىكانىڭ دان ئۇرۇقى (بەزىدە قوناقنىڭ قۇلىقى) ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىمىز؟ كەنج قىزنى يۇلتۇزلارنىڭ ئۆزىدىن بىلگىلى بولمىغاندەك، بۇ دانلارنى يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئۆزىدىن كۆرگىلى بولمايدۇ
دېمەك ، ۋېرگۇ يۇلتۇزلارنىڭ ئۆزىدىن يارىتىلمىغان. بەلكى ئۇرۇقىنى كۆتۇرۋالغان قىز ئالدىن ئويلىنىپ ئاندىن يۇلتۇز تۈركۈمىگە قويۇلدى. ئۇنداقتا ۋېرگۇ ئۇنىڭ ئۇرۇقى بىلەن نەدىن كەلگەن؟ كىم ئالدى بىلەن ۋېرگۇنى ئويلاپ ، ئاندىن ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇقىنى يۇلتۇزغا قىز قىلىپ قويدى؟
قىزنىڭ اشتىن-ئاخىر ھېكايىسى
:جەننەتتە ، ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا ئاسىيلىق قىلغاندا ، ئاللاھ ئۇلارغا ۋە يىلانغا (شەيتانغا) قارشى تۇرۇپ، شەيتانغا ۋەدە قىلدى
،ۋە مەن سەن بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىغا…
سېنىڭ نەسلىڭ بىلەن ئايالنىڭ نەسلىنىڭ ئارىسىغا ئۆچمەنلىك سالىمەن؛
،ئۇ سېنىڭ بېشىڭنى دەسسەپ زەخىملەندۈرىدۇ،
.«سەن قوپۇپ ئۇنىڭ تاپىنىنى چېقىپ زەخىملەندۈرىسەن
يارىتىلىش 15: 3

.ئايالنىڭ ئەۋلادلىرى كەنج قىزنىڭ ئەسلى مەنىسى
.قەدىمكى كىشىلەر بۇ ۋەدىنى ئەسلەش ئۈچۈن ۋېرگۇ يۇلتۇز تۈركۈمىنى ئىشلاتكەن
ئاللاھ «ئەۋلاد»نىڭ («ئۇرۇق»نى كۆرستىدۇ) ئايالدىن كېلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى، لېكىن ئۇنىڭ ئەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقىنى تىلغا ئالمايدۇ. شۇڭا ئۇ ئايال پاك بولىدۇ. بۇ ئايالنىڭ ئۇرۇقى يىلاننىڭ «بېشىنى» ئېېزىدۇ. پاك ئايالدىن تۇغۇلغان بىردىنبىر كىشى پەيغەمبەر ئىيسا ئەل ماسىخ ئىدى. ماسىخنىڭ بىر قىزدىن كېلىشى بۇ يەردە تېخىمۇ تولۇق چۈشەندۈرۈلگەندەك ، بۇ دەسلەپتە ئېلان قىلىنغان . ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنى ئەستە ساقلىغان تۇنجى ئىنسانلار ئۇنىڭ ئۇرۇقى (سىپىكا) بىلەن قىزنى ۋېرگۇغا كەلتۈردى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بۇ ۋەدىنى ئۇنتۇپ قالماس ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئوبرازىنى يۇلتۇز تۈركۈمىگە قويدى
شۇنداق قىلىپ ئاللاھنىڭ 12 رەسىم سۈپىتىدە بېرىلگەن پىلانى يۇلتۇز تۈركۈمىدە ئەستە ساقلىنىپ ، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ھەزرىتى نۇھقىچە بولغان تەتقىق قىلىنغان ، سۆزلەنگەن ۋە قايتا بايان قىلىنغان . كەلكۈندىن كېيىن ، نۇھنىڭ ئەۋلادلىرى ئەسلى ھېكايىنى بۇزدى ۋە ئۇ بۈگۈنكىدەك يۇلتۇزلارنىڭ تىزىلىشىنى ئوقۇشقا ئايلاندى
ئىيسا ئەل ماسىخ ۋە ۋېرگۇ يۇلتۇزلارنىڭ ئوقۇشى
:ئىيسا ئەل ماسىخ بۇ ۋېرگۇ يۇلتۇزلارنى ئوقۇغاندا مۇنداق دېگەن
:لېكىن ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى
ــ «ئىنسانئوغلىنىڭ شان-شەرەپتە ئۇلۇغلىنىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى. 23 بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇغداي دېنى تۇپراق ئىچىگە چۈشۈپ ئۆلمىگۈچە، ئۆزى يەنىلا يالغۇز قالىدۇ؛ لېكىن ئۆلسە، مول ھوسۇل بېرىدۇ. 24
يۇھاننا 24-23: 12
ئىيسا ئەل ماسىخ ئۆزىنى شۇ ئۇرۇق (سىپىكا) دەپ جاكارلىدى ، بۇ بىز ئۈچۈن زور غەلىبە – «مول ھوسۇل بېرىدۇ». ۋېرگۇنىڭ بۇ «ئۇرۇقى» موقۇم بىر «ۋاققىتتا» (خورا) كەلگەن. ئۇ ھەر قانداق ۋاقىتتا ئەمەس ، بەلكى مۇھىم بىر ۋاقىتتا كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز شۇ ۋاقىتقا بەلگە (سكوپۇس) قويۇپ ، ھېكايىگە ئەگىشىمىز
شۇڭا مۆچەللەرنىڭ ئون ئىككى بەلگىسى بارلىق خەلقلەر ئۈچۈندۇر. سىزنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىڭىزغا ئاساسەن بىرلا يۇلتۇز بەلگىسى يوق. بۇ 12 بەلگىلەرنىڭ ھەممىسى ھاياتىڭىزنى يېتەكلەيدىغان مۇكەممەل ھېكايەنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەگەر سىز ئۇنىڭغا ئەگىشىشنى تاللىسىڭىز ، ئاللاھ بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك مۇناسىۋەت ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيسىز
قەدىمكى زامان مۆچەللەرنىڭ كۈندىلىك ئوقۇشى
پەيغەمبەرلەر مۇقەددەس ۋاقىتنى بەلگىلىدى ، ئۇلارنى خاتىرىلەشكە ۋە شۇ بويىچە ياشاشقا تەكلىپ قىلدى. خوروسكوپ = خورا (سائەت / ۋاقىت) + سكوپۇس (كۆزىتىش بەلگىسى) بولغاچقا ، بىز مۆچەللەر ئارقىلىق يازما خاتىرىدىن پايدىلىنىپ يۇلتۇز تۈركۈمىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشەندۈرەلەيمىز. ئىيسا ئەل ماسىخنىڭ ئۆزى بىز ئۈچۈن «ۋېرگۇ بىلەن سىپىكا» ۋاقىتنى بەلگىلىدى. بۇ يەردە سىز ئۈچۈن خوروسكوپ توغۇرلۇق ئوقۇڭ
ئېھتىيات قىلىڭ ، پەيغەمبەر ئىيسا ئەل ماسىخ ئېلان قىلغان بۇ «ۋاقىت»نى قولدىن بېرىپ قويماڭ ، چۈنكى سىز ھەر كۈنى مۇھىم بولمىغان ئىشلار بىلەن ئالدىراش. شۇ سەۋەبتىن ، نۇرغۇن كىشىلەر «نۇرغۇن ئۇرۇق»غا ئايلىنىشنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. ھايات سىرلار بىلەن تولغان ، ئەمما مەڭگۈلۈك ھايات ۋە ھەقىقىي بايلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن «نۇرغۇن ئۇرۇق»نىڭ سىرىنى ئېچىشىڭىز كېرەك. سىزنى بىلىمغا يېتەكلەش ئۈچۈن ھەر كۈنى ئاللاھدىن سوراڭ. ئۇ بۇ بەلگىنى ۋېرگۇ يۇلتۇزلارغا ۋە ئۆزىنىڭ يازما خاتىرىسىگە قويغانلىقى ئۈچۈن ، سىز سورىسىڭىز ۋە ئۇنى ئىزدىسىڭىز سىزگە چۈشەنچە بېرىدۇ. بۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ۋېرگۇ ئالاھىدىلىكلەر: قىزىقىش ۋە جاۋاب تېپىش. ئەگەر بۇ ئالاھىدىلىكلەر سىزنى بەلگە قىلغان بولسا ، ۋېرگۇدىن تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچە ئىزدەپ ھەرىكەت قېلىڭ
ۋېرگۇ ۋە تولۇق مۆچەللەرنىڭ ھېكايىسى
.تولۇق ھېكايەنى داۋاملاشتۇرۇڭ ، چۈنكى ئۇ ئەسلىدە تۆۋەندىكى مۆچەللەرگە ئەگىشىش ئارقىلىق بېرىلگەن. ئۇنى توغرا يولدا مېڭىش ئۈچۈن ئىشلىتىڭ.
- لىبرا : ئاسماندىكى تارازا
- چايان : ئۆلۈش جېڭى
- ئوقياچى : ئوقياچىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسى
- كاسىپورىن : ئۆچكە ۋە بېلىق چۈشەندۈرىشى
- سۇ توشۇغۇچى : تىرىك سۇ دەريالىرى
- پىسسىس : زايومدىن ئۆتكەن ئادەملەر
- ئارىيس : ھايات قوزا
- تورۇس : كېلىۋاتقان سوتچى
- جەمىناي : خانلىق ئوغۇللار ۋە ئالەم كېلىنچەك
- راك : ئۆلۈمنىڭ كۈلىدىن تىرىلىش
- شىر : گۈلدۈرلىگەن شىر ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ
مۆچەل بابلىرىنىڭ پ.د.فنى كىتاب قىلىپ چۈشۈرۈڭ
:ۋېرگۇنىڭ يېزىلغان ھېكايىسىگە تېخىمۇ كىرىش ئۈچۈن