ئالدىنقى يازمىلىرىمىزدا ئاللاھ بىزگە بەرگەن ئۆلچەملىرىنى قانداق ئىشلىتىپ ھەقىقىي پەيغەمبەرلەرنى تونىيالايدىغىنىمىزنى كۆردۇق ؛ ئۇلار كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى ئۇچۇرلىرىدا ئىشارەت قىلىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئىسرائىللارنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى پەرەزلەرنى قوللاندى – ئەگەر ئۇنىڭ سۆزى ئاللاھتىن كەلگەن بولسا ، چوقۇم ئەمەلگە ئېشىشى كېرەك ئىدى. بۇ پەرەزلەر ئىسرائىللارغا كەلگۇسى لەنەتلەر ۋە بەختلەر توغرىسىدا ئىدى . بۇ يەردە تولۇق بەختلەر ۋە لەنەتلەرنى ئوقىيالايسىز . ئاساسلىق نۇقتىلار تۆۋەندە
مۇسانىڭ بەخت نېمەتلىرى
مۇسا ئەلەيھىسسالامئىسرائىللار بۇيرۇقلارغا بويسۇنسا ئۇلار ئېرىشىدىغان ئاجايىپ نېمەتلەرنى تەسۋىرلەيدۇ . بۇ نېمەتلەر باشقا مىللەتلەرنىڭ نەزىرىدە بولىدۇ ، شۇنداق بولغاندا ئۇلار ئۇنىڭ نېمەتلىرىنى تونىيالايدۇ
شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەر سېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغىنىڭنى كۆرۈپ سەندىن قورقىدۇ
[28:10 قانۇن شەرھى]
قانداقلا بولمىسۇن ، ئەگەر ئۇلار بۇيرۇقلارغا بويسۇنمىسا ، ئۇلارغا لەنەتلەر كېلەتتى. بۇ لەنەتلەر بەختلەر بىلەن ئوخشاش مىقداردا بولاتتى. ئەتراپتىكى مىللەتلەر بۇ لەنەتلەرنى كۆرەتتى
سەن پەرۋەردىگار سېنى ئېلىپ بارىدىغان ھەممە ئەللەر ئارىسىدا ۋەھىمە، سۆز-چۆچەك ۋە تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ قالىسەن
[28:37 قانۇن شەرھى]
:لەنەتلەر ئىسرائىللار ئۈچۈن بولاتتى
بۇ لەنەتلەر ئۆزۈڭ ۋە نەسلىڭنىڭ ئۈستىگە مەڭگۈلۈك چۈشىدىغان مۆجىزىلىك ئالامەت ۋە كارامەت بولۇپ قالىدۇ
[28:46 قانۇن شەرھى]
:ئاللاھ لەنەتلەرنىڭ ئەڭ يامان قىسمىلىرى باشقىلاردىن كېلىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ
پەرۋەردىگار يىراقتىن، يەنى يەر يۈزىنىڭ چېتىدىن سەن تىلىنى بىلمەيدىغان، بۈركۈتتەك شۇڭغۇپ كېلىدىغان بىر ئەلنى ساڭا قارشى ئەۋەتىدۇ
ئۇ ئەلپازى ئەشەددىي، قېرىلارغا يۈز-خاتىرە قىلمايدىغان ۋە ياشلارغا مېھىر كۆرسەتمەيدىغان بىر ئەل بولىدۇ
ئۇ سەن ھالاك بولغۇچە، چارۋىلىرىڭنىڭ نەسلى بىلەن يېرىڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يەپ كېتىدۇ؛ چۈنكى ئۇ سېنى يوقىتىپ بولمىغۇچە ساڭا نە ئاشلىق، نە يېڭى شاراب، نە زەيتۇن مېيى، نە كالاڭنىڭ موزايلىرى نە قوي پادىلىرىڭنىڭ قوزىلىرىدىن بىر نېمىنى قويمايدۇ
سەن تايانغان پۈتكۈل زېمىنىڭدىكى ھەممە ئېگىز، مەھكەم سېپىللىرىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكۈچە، ئۇ پۈتكۈل زېمىنىڭدىكى بارلىق دەرۋازىلىرىڭ ئالدىغا كېلىپ، سېنى قورشىۋالىدۇ؛ ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بەرگەن زېمىنىڭنىڭ ھەر يېرىدىكى ھەممە دەرۋازىلىرىڭ ئالدىغا كېلىپ، سېنى قورشىۋالىدۇ
[28:49-52 قانۇن شەرھى]
:ئاخىرىدا ، ئۇ لەنەتلەر بارغانسىرى ئېغىرلىشىدۇ
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار ئىلگىرى سىلەرگە ياخشىلىق قىلىپ، سىلەرنى ئاۋۇتقىنىدىن سۆيۈنگەندەك، ئۇ ئەمدى سىلەرنى يوقىتىپ ھالاك قىلىدىغىنىدىن سۆيۈنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىندىن يۇلۇپ تاشلىنىسىلەر
پەرۋەردىگار سىلەرنى يەر يۈزىنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە بولغان ھەممە ئەللەرنىڭ ئارىسىغا تارقىتىدۇ؛ سىلەر ئۆزۈڭلار ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭلار تونۇمىغان ياغاچ بىلەن تاشتىن ياسالغان ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر؛
سىلەر ئۇ ئەللەرنىڭ ئارىسىدا نە ئارام تاپالمايسىلەر، نە تاپىنىڭلار تىرەپ تۇرغۇدەك ھېچ مەزمۇت جاي بولمايدۇ؛ پەرۋەردىگار بەلكى شۇ يەردە سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى غۇۋالاشتۇرۇپ تىترىتىپ، كۆزۈڭلارنى قاراڭغۇلاشتۇرۇپ جېنىڭلارنى سولاشتۇرىدۇ
[28:63-65 قانۇن شەرھى]
:بۇ بەخت ۋە لەنەتلەر كېلىشىم ئارقىلىق قۇرۇلدى
مەقسەت شۇكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەھدىسىگە، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۈگۈن سىلەرگە بەرگەن قەسىمى بىلەن باغلىغان ئەھدىگە داخىل بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر
ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇ سىلەرنى بۈگۈن ئۆزىگە خاس بىر خەلق قىلىپ سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىدەك، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا قىلغان قەسىمى بويىچە ئۆزى سىلەرگە خۇدا بولۇشتۇر
،لېكىن مەن بۇ ئەھدە ۋە قەسەمنى يالغۇز سىلەر بىلەنلا ئەمەس
بەلكى بۈگۈن بىز بىلەن بۇ يەردە پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلار، شۇنداقلا بۈگۈن بۇ يەردە بىز بىلەن بىرگە بولمىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەنمۇ تۈزۈشىمەن
[29:12-15 قانۇن شەرھى]
باشقىچە ئېيتقاندا ، بۇ كېلىشىم بالىلار ياكى كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلارنى چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولاتتى. ئەمەلىيەتتە ، بۇ كېلىشىم كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلار ئۈچۈن يەنى ئىسرائىللەرگە ۋە چەتئەللىكلەرگە قارىتىلغان
كەلگۈسى دەۋر بولسا، يەنى سىلەردىن كېيىن چىقىدىغان بالىلىرىڭلار ۋە شۇنداقلا يىراق يۇرتتىن كەلگەن مۇساپىرلار پەرۋەردىگار شۇ زېمىننىڭ ئۈستىگە ئەۋەتكەن بالايىئاپەتلەر بىلەن كېسەللەرنى كۆرىدۇ؛
پەرۋەردىگار غەزىپى ۋە قەھرى بىلەن ۋەيران قىلغان سودوم، گوموررا، ئادماھ ۋە زەبوئىملارنىڭ ۋەيرانچىلىقىدەك زېمىننىڭ ھەممە يېرى گۈڭگۈرتلىشىپ، شورلىشىپ، كۆيۈپ كەتكىنىنى، تېرىقچىلىقمۇ، ھوسۇلمۇ بولمىغىنىنى، ئوت-چۆپمۇ ئۈنمىگىنىنى كۆرىدۇ؛
بۇنى كۆرگەنلەر، ھەتتا ھەممە ئەل-يۇرت: «نېمىشقا پەرۋەردىگار بۇ زېمىنغا مۇنداق قىلغاندۇ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ غەزىپى شۇنچە قاتتىق، ئەشەددىي بولغاندۇ؟» دەپ سورايدۇ؛
ئاندىن ئۇلارغا جاۋاب بېرىلىپ: «ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغىنىدا ئۇلار بىلەن بېكىتكەن ئەھدىنى تاشلاپ
بېرىپ ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى بولمىغان، ئۆزىمۇ تونۇمىغان ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ، ئۇلارغا چوقۇنغىنى ئۈچۈن شۇنداق بولدى
مانا بۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بۇ زېمىنغا تۇتىشىپ، بۇ كىتابتا پۈتۈلگەن ھەممە لەنەتنى ئۇنىڭ ئۈستىگە كەلتۈردى
[29:22-27 قانۇن شەرھى]
مۇسانىڭ نېمەتلىرى ۋە لەنەتلىرى ئەمەلگە ئاشتىمۇ؟
ئاللاھ ۋەدە قىلغان نېمەتلەر ناھايىتى قالتىس ئىدى ، ئەمما ئۇ تەھدىت قىلغان لەنەتلەر ئېغىر ئىدى. قانداقلا بولمىسۇن ، بىز سورايدىغان ئەڭ مۇھىم سوئال: «بۇ ئىشلار راسمىي يۈز بەردىمۇ؟». بۇنىڭغا جاۋاب بەرگەندە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقىي پەيغەمبەر ياكى ئەمەسلىكىنى كۆرىمىز ۋە ھاياتىمىزنى يېتەكلەيدىغان يېتەكچىگە بۈگۈن ئېرىشىمىز
بۇنىڭ جاۋابى بىزنىڭ قولىمىزدا. ئەل كىتابنىڭ كونا ئەھدىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسرائىللارنىڭ تارىخىنى خاتىرلەيدۇ ، بۇنىڭدىن بىز نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بوپمۇ كونا ئەھدىنىڭ سىرتىدا ، جوسېفۇسقا ئوخشاش يەھۇدىي تارىخچىلاردىن ، تاكتىسقا ئوخشاش گرېك-رىم تارىخچىلاردىن خاتىرىلىرىمىز بار ، بىز نۇرغۇن ئارخولوگىيەلىك يادىكارلىقلارنى تاپتۇق. بۇ مەنبەلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك ئىسرائىللارنىڭ تارىخىنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. بۇ بىز ئۈچۈن يەنە بىر بەلگە. بۇ يەردە ئىسرائىللارنىڭ تارىخىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ، ئۇلارنىڭ تارىخىنى كۆرۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ
بىز بۇ تارىختا نېمىلەرنى كۆرىمىز؟ شۇنداق ، مۇسا ئېيىتقان لەنەتلەر يەنى قورقۇنۇچلۇق لەنەتلەر يۈز بەردى ؛ خۇددى ئۇ مىڭلارچە يىللار ئىلگىرى يازغانغا ئوخشاش يۈز بەردى . ئېسىڭىزدە بولسۇن ، بۇ پەرەزلەر لەنەتلەر يۈز بەرگەندىن كېيىن ئەمەس ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن يېزىلغان
ئەمما مۇسانىڭ لەنەتلىرى بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالمىدى. ئۇ داۋاملاشتى. مۇسا بۇ لەنەتلەرنى قانداق يەكۈنلىدى
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، بۇ بارلىق ئىشلار، يەنى مەن سېنىڭ ئالدىڭدا قويغان بۇ بەرىكەت بىلەن لەنەت بېشىڭغا چۈشكىنىدە، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ھەيدىۋەتكەن ئەللەرنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ بۇلارنى ئېسىڭگە ئېلىپ كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزۈڭ ۋە بالىلىرىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ يېنىغا يېنىپ ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مەن بۈگۈن ساڭا ئەمر قىلغان بارلىق ئىشلارغا پۈتۈن قەلبىڭ ۋە پۈتۈن جېنىڭ بىلەن ئىتائەت قىلساڭ، شۇ چاغدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ، ساڭا ئىچىنى ئاغرىتىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆزى ھەيدىۋەتكەن ئەللەردىن يىغىپ كېلىدۇ. گەرچە ئاراڭلاردىن ھەتتا ئاسمانلارنىڭ چېتىگىچىمۇ ھەيدىلىپ كەتكەنلەر بولسىمۇ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى شۇ يەردىن يىغىپ جەم قىلىپ كېلىدۇ. پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ تەۋەلىكى بولغان زېمىنغا كەلتۈرىدۇ ۋە سەن ئۇنى ئىگىلەيسەن؛ ئۇ ساڭا ياخشىلىق قىلىپ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ سانىدىن زىيادە كۆپ قىلىدۇ
[30:1-5 قانۇن شەرھى]
.سورايدىغان ئېنىق سوئال (يەنە): بۇ ئىش يۈز بەردىمۇ؟ بۇ يەرنى چېكىپ ئۇلارنىڭ تارىخىنىڭ داۋامىنى كۆرۈڭ
تەۋراتنىڭ ئاخىرقى خۇلاسىسى – زابۇرنىڭ كېلىشى مۆلچەرلەنگەن
بۇ نېھمەت ۋە لەنەتلەر بىلەن تەۋرات ئاخىرلاشتى ، ۋە ئۇ تاماملىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مۇسا ۋاپات بولىدۇ. ئاندىن ئىسرائىللار مۇسانىڭ ۋارىسى (يوشۇۋا) بىلەن زېمىنىغا كىردى. ئىسرائىللارنىڭ تارىخىدا چۈشەندۈرۈلگەندەك ، بۈيۈك پادىشاھ داۋۇد ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشتىن بۇرۇن ، ئىسرائىللار ئۇ يەردە پادىشاھسىز ۋە پايتەختسىز ھالەتتە تۇرغان. ئۇ كونا ئەھدىدە يېڭى بىر سەھىپىنى باشلىدى. قۇرئاندىمۇ زابۇر دەپ تىلغا ئېلىنغان. بىز زابۇرنى چۈشىنىشىمىز كېرەك ، چۈنكى ئۇ تەۋراتتا باشلانغان بەلگىلەرنى داۋاملاشتۇرىدۇ ؛ بۇ بىزنىڭ ئىنجىلنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە بىز قۇرئان ۋە ئەيسائەلەيھىسسالامنىڭداۋۇد ۋە زابۇر ھەققىدە قانداق سۆزلەيدىغانلىقىنى كۆرىمىز