مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالام ئىسرائىللارنى 40 يىل يېتەكلىدى. ئۇلار كوماندلارنى يېزىپ قۇربانلىقلارنى ۋە تەۋراتتىكى نۇرغۇن بەلگىلەرنى قۇردى. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئىككى پەيغەمبەرنىڭ ئۆلىدىغان ۋاقتى كەلدى. بىز تەۋراتنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن ، تەۋراتنىڭ ئەندىزىلىرنى كۆرۈپ باقايلى
تەۋراتتىكى ئەندىزىلەرنى تەكشۈرۈش
ئۇنداقتا تەۋراتتىكى بەلگىلەرنىڭ ئەندىزىسى نېمە؟
تەۋراتتىكى قۇربانلىق
:قۇربانلىقلارنىڭ مۇھىملىقى ۋە قانچىلىك بېرىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ . بىز كۆرگەن تۆۋەندىكىلەرنى ئويلاڭ
ھابىل توغرا بولغان قۇربانلىقنى قىلدى. قابىل بولسا كۆكتاتلارنى قۇربانلىق قىلدى . ئاللاھ قابىلنىڭ قۇربانلىقىنى قوبۇل قىلمىدى ، چۈنكى بىر ئۆلۈم تەلەپ قىلىنغان ئىدى
كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن نۇھ ئەلەيھىسسالام بىر قۇربانلىق قىلدى
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋەدە قىلىنغان يەرگە كەلگەندىن كېيىن بىر قۇربانلىق قىلدى
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى بىلەن سىناقتىن كېيىن قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى . شۇنىڭدىن كېيىن ، ئۇ ئوخشاش جايدا كەلگۈسىدە «تەمىنلىنىدىغانلىقىنى» جاكارلىدى
بارلىق ئىسرائىللار «ئۆتۈپ كېتىش بايرىمى»دا قۇربانلىق قىلدى . بۇ ئۇلارنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇردى ، يەھۇدىيلار يەنىلا ھەر يىلى ئوخشاش كۈندە «ئۆتۈپ كېتىش بايرىمى»نى تەبرىكلەيدۇ
ھارۇن ھەر يىلى ئۆزى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغاندىن كېيىن ، ئىسرائىللار ئۈچۈن ئىككى ئۆچكىنى قۇربانلىق قىلدى
بىر كالا قۇربانلىق قىلىنىپ ، ئۇنىڭ كۈلى بىر جەسەتنىڭ ناپاكلىقىنى تازىلىدى
بۇ قۇربانلىقلارنىڭ ھەممىسى پاكىز ھايۋانلار بىلەن قىلىنغان: يەنى قوي ، ئۆچكە ياكى كالا. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يەنى كالىدىن باشقىلىرى ئەركەك ھايۋان ئىدى
بۇ قۇربانلىقلار قۇربانلىق قىلغان كىشىلەرگە كاپارەت بەردى. دېمەك ، ئۇلار بەدەل تۆلىگۇچى بولۇپ ، قۇربانلىق قىلغان كىشىلەرنىڭ جىنايەتلىرىنى ۋە نومۇسلىرىنى يېپىپ قويدى. بۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەن تېرە شەكلىدىكى كىيىملەر بىلەن باشلانغان . بۇ تېرىلەر يالىڭاچلىقىنى يېپىش ئۈچۈن بىر ھايۋاننىڭ ئۆلۈشىنى تەلەپ قىلاتتى. سورايدىغان مۇھىم سوئال: نېمە ئۈچۈن قۇربانلىقلار ئەمدى بېرىلمەيدۇ ؟ بۇنىڭ جاۋابىنى كېيىن كۆرىمىز
تەۋراتتىكى ھەققانىيلىق
ھەققانىيلىق سۆزى توختىماي پەيدا بولدى. بىز ئۇنى ئالدى بىلەن ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ «ھەققانىيلىق كىيىمى ئەڭ ياخشى» دېگەندە كۆردۇق. بىز ئىبراھىمنىڭ ئاللاھنىڭ كەلگۈسىدىكى ئوغلى ھەققىدىكى ۋەدىسىگە ئىشىنىشنى تاللىغاندا ئۇنىڭ «ھەققانىي» دەپ قارالغانلىقىنى كۆردۇق .ئەگەر ئىسرائىللار كوماندلارنى ئىجرا قىلالىسا ، ھەققانىيلىققا ئېرىشەلەيتتى ، ئەمما ئۇلار ھەر ۋاقىتتا تولۇق ئىجرا قىلىشى كېرەك ئىدى
تەۋراتتىكى ھۆكۈم
بىز بۇيرۇقلارغا ئەمەل قىلمىغان ئادەملەر ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچراشقانلىقىنى كۆردۇق. بۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاندى ، ئۇ ھۆكۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن پەقەت بىر قېتىم ئاسىيلىق قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ھۆكۈم ھەمىشە ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھۆكۈم قىلىنغان ئادەم ياكى قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋان ئۆلىدۇ . تۆۋەندىكىلەرنى ئوقۇڭ
- ئادەم– تېرە ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان بىر ھايۋان ئۆلدى
- ھابىل – ئۇنىڭ قۇربانلىق قىلغان ھايۋانلىرى ئۆلدى
- نۇھ– كىشىلەر كەلكۈندە قازا بولدى ، ھەتتا نۇھمۇ كەلكۈندىن كېيىن بىر ھايۋاننى قۇربانلىق قىلىپ ئۆلتۇردى
- لۇت– سودوم ۋە گوموررا خەلقى ھەم لۇتنىڭ ئايالى ھۆكۈمدە ھالەك قىلىندى
- ئىبراھىمنىڭ ئوغلى قۇربانلىق قىلىنغان بولسا ، ئوغلى ئۆلۈپ كەتكەن بولاتتى ، ئەمما قوچقار ئۇنىڭ ئورنىدا ئۆلدى
- ئۆتۈپ كېتىش بايرىمى»دا ھەر بىر ئائىلىنىڭ بىرىنچى ئوغلى (فىرئەۋن ۋە باشقا كاپىرلار ئۈچۈن) ئۆلتۈرۇلدى ياكى قېنىنى ئىشىكلەرگە بويالغان قوزا ئۆلدى
- قانۇننىڭ بۇيرۇقلىرى – گۇناھكار كىشى ياكى بىر ئۆچكە كاپارەت كۈنى ئۆلدى
بۇ نېمىنى بىلدۇرىدۇ؟ بىز داۋاملاشتۇرغاندا كۆرىمىز. ھازىر مۇسا بىلەن ھارۇن تەۋراتنى تاماملىماقچى. ئەمما ئۇلار بۇنى ئاللاھتىن بىۋاسىتە كەلگەن ئىككى مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن قىلىدۇ ، ھەر ئىككىسى كەلگۈسىگە نەزەر سالىدۇ ۋە بۈگۈن بىز ئۈچۈن مۇھىم ؛ كېلىدىغان پەيغەمبەر ۋە كېلىدىغان لەنەت ۋە بەختنى كۆرستىدۇ . بىز بۇ يەردە پەيغەمبەرنى كۆرىمىز
كېلىۋاتقان پەيغەمبەر
ئاللاھ سىناي تېغىدا تاش خاتىرلەرنى بەرگەندە ، ئۇ قورقۇنچلۇق كۈچ بىلەن قىلدى. تەۋرات تاش خاتىرلەرنى بېرىشتىن بۇرۇنلا بۇ كۆرۈنۈشنى تەسۋىرلىگەن
ئۈچىنچى كۈنى بولغاندا، تاڭ يورۇشى بىلەن شۇنداق بولدىكى، گۈلدۈرمامىلار گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىپ، تاغ ئۈستىدە قويۇق بىر پارچە بۇلۇت پەيدا بولدى، زور قاتتىق چېلىنغان كاناينىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇنى كۆرۈپ چېدىرگاھدىكى پۈتكۈل خەلق قورقۇنچىدىن تىترەپ كەتتى
مۇسا خەلقنى خۇدانىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇشقا چېدىرگاھدىن ئېلىپ چىقتى. ئۇلار كېلىپ تاغنىڭ تۈۋىدە ئۆرە تۇردى
پەرۋەردىگار سىناي تېغىغا ئوتتا چۈشۈپ كەلگىنى ئۈچۈن ئىس-تۈتەك پۈتكۈل تاغنى قاپلىدى؛ ئىس-تۈتەك خۇمداندىن ئۆرلىگەن ئىس-تۈتەكتەك ئۈستىگە ئۆرلەپ چىقتى. پۈتكۈل تاغ قاتتىق تەۋرىنىشكە باشلىدى
[مىسىردىن چىقىش 18-16: 19]
:بۇ كىشىلەر قورقۇنۇچقا چۆمدى. تەۋرات ئۇلارنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ
پۈتكۈل خەلق گۈلدۈرمامىلارنى، چېقىن-يالقۇنلارنى، كاناينىڭ ئاۋازى ۋە تاغدىن ئۆرلەپ چىققان ئىس-تۈتەكلەرنى كۆردى ۋە ئاڭلىدى؛ ئۇلار بۇلارنى كۆرۈپ، تىترىشىپ يىراق تۇرۇشتى
ۋە مۇساغا: ــ بىزگە سەنلا سۆز قىلغايسەن، بىز ئاڭلايمىز؛ لېكىن خۇدا بىزگە ئۆزى سۆز قىلمىسۇن؛ چۈنكى ئۇنداق قىلسا ئۆلۈپ كېتىمىز، دېدى
[20:18-19 مىسىردىن چىقىش]
.بۇ مۇسانىڭ ئىسرائىللارنى 40 يىل يېتەكلىشىدىن بۇرۇن يۈز بەردى
كىشىلەرگە ئەسكەرتىش
ئاخىردا ، ئاللاھ مۇساغا بۇرۇن بولغان ئىش توغۇرلۇق سۆزلەپ ، كىشىلەرگە ئىلگىرىكى قورقۇنچلىرىنى ئەسلىتىپ ، كەلگۈسىگە ۋەدە بەردى. مۇسانىڭ تەۋراتتىكى خاتىرىلىرى
پەرۋەردىگارىڭلار سىلەر ئۈچۈن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى ئىچىڭلاردىن ، ئىسرائىل قېرىنداشلىرىڭدىن تىرىلدۈرىدۇ. سىلەر ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىڭلار كېرەك. چۈنكى ، سىز يىغىلىش كۈنى ئاللاھدىن ھورېب (يەنى سىناي) دا سورىغانلىرىڭىز: «پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمايلى ، بۇ چوڭ ئوتنى ئەمدى كۆرمەيلى ، بولمىسا بىز ئۆلىمىز
ئاللاھ ماڭا: «ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرى ياخشى. مەن ئىسرائىللارنىڭ ئارسىدا سىزگە ئوخشاش پەيغەمبەرنى يېتىشتۈرىمەن ۋە سۆزلىرىمنى ئۇنىڭغا سالىمەن. ئۇ پەيغەمبەر مەن بۇيرۇغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ. مەن پەيغەمبەرنىڭ ئىسمىم بىلەن سۆزلىگەن سۆزلىرىمنى ئاڭلىمىغانلارنى ھېسابلايمەن. ئەمما بىر پەيغەمبەر مەن بۇيرۇمىغان نەرسىنى مېنىڭ نامىدا سۆزلەشنى پەرەز قىلسا ياكى باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىدا سۆزلەيدىغان پەيغەمبەرنى ئۆلتۈرۈشىمىز كېرەك
ئەگەر سەن كۆڭلۈڭدە: «ئاللاھ قىلمىغان سۆزنى قانداق پەرق ئېتىمىز» دىيىشىنىز مۆمكۈن. بىر پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ نامىدا سۆزلىگەن بولسا ۋە ئۇ بېشارەت قىلغان ئىش توغرا چىقمىسا ياكى ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىسا، ئۇنداقتا بۇ سۆز ئاللاھدىن كەممىگگن بولىدۇ. شۇ پەيغەمبەر باشباشتاقلىق بىلەن سۆزلىگەن دەپ، ئۇنىڭدىن قورقما
[18:15-22 قانۇن شەرھى]
ئاللاھ كىشىلەرنىڭ ساغلام ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى ، شۇڭا ئۇ تاش خاتىرلەردىكى بۇيرۇقلار توغۇرلۇق سۆزلىگەندە ، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا قاتتىق قورقۇنچ پەيدا قىلدى. ئەمما ھازىر ئۇ كەلگۈسى توغۇرلۇق سۆزلەپ، ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىن مۇساغا ئوخشاش بىر پەيغەمبەر بىر كۈنى كېلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى
كۆرسەتمىلەر
ئاندىن ئىككى كۆرسەتمىلەر بېرىلدى
- ئەگەر ئۇلار كېلىدىغان پەيغەمبەر بىلەن كارى بولمىسا، ئاللاھ ئۆزى كىشىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ
- ئاللاھنىڭ بىر پەيغەمبەر ئارقىلىق سۆزلىگەن ياكى سۆزلىمىگەنلىكىنى بىلىشنىڭ يولى ، بۇ خەۋەر كەلگۈسىنى ئالدىن پەرەز قىلالايدىغان بولۇشى ۋە چوقۇم ئەمەلگە ئېشىشى كېرەك
بىرىنچى كۆرسەتمىدە مۇسادىن كېيىن پەقەت بىرلا پەيغەمبەر كېلىدۇ دىيىلمىگەن ، ئەمما كېلىدىغان بىرسىگە چوقۇم ئىشىنىشىمىز كېرەك ، چۈنكى ئۇنىڭ سۆزى ئۆزگىچە رول ئوينايدۇ : ئۇلار ئاللاھنىڭ سۆزلىرى بولىدۇ. كەلگۈسىنى پەقەت ئاللاھ بىلگەندىكىن ( ئەلۋەتتە ھېچكىم بىلمەيدۇ ) ، ئىككىنچى كۆرسەتمە كىشىلەرگە بىر ئۇچۇرنىڭ ئاللاھتىن كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى قانداق بىلىشنى ئىيىتىدۇ. بىز مۇسانىڭ بۇ ئىككىنچى يېتەكچىلىكنى ئىشلىتىپ ، ئىسرائىللارنىڭ بەخت ۋە لەنەتلىرىدە ئىسرائىللارنىڭ كەلگۈسىنى ئالدىن مۆلچەرلىگەنلىكىنى كۆرىمىز. تەۋرات مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ
ئەمما بۇ «كېلىدىغان پەيغەمبەر» دېگەن نېمە؟ ئۇ كىم؟ بەزى ئالىملار بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرستىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدى. ئەمما دىققەت قىلىڭكى ، بۇ بېشارەتتە بۇ پەيغەمبەر « ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىن» بولىدىغاندىكىن ، يەھۇدىي ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇڭا ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولماسلىقى مۈمكۇن. باشقا ئالىملار بۇ پەيغەمبەر ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى كۆرستىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدى. ئۇ بىر يەھۇدىي بولۇپ ، ئۇ يەنە ناھايىتى كۈچلۈك ھوقۇق بىلەن تەلىم بەرگەن ، خۇددى ئاللاھنىڭ سۆزلىرى «ئۇنىڭ ئاغزىدا بولغاندەك». ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كېلىشى ئىبراھىمنىڭ قۇربانلىق قىلىشىدا ، «ئۆتۈپ كېتىش بايرىمىدا» ۋە «كېلىدىغان پەيغەمبەر»نىڭ بىشارەتلىرىدە كۆرستىلگەن