بىز مۇسانىڭ بىرىنچى ئالامىتىدا بىرىنچى توغۇلغان ئوغۇللارغا ئۆلۈم قەدىر قىلىنغانلىقىنى كۆردۇق ، ئەمما ئىشىكلىرىگە بىر قوربانلىق قىلىنغان قوزىنىڭ قېنى سۈركەلگەن بولسا ، ئۇلار ساق قالاتتى . فىرئەۋن ئاللاھقا بويسۇنمىدى ، شۇڭا ئۇنىڭ ئوغلى ئۆلدى ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالام ئىسرائىللارنى مىسىردىن باشلاپ چىقىپ كەتتى ، ئاندىن فىرئەۋن ئۇلارنى قىزىل دېڭىزدا قوغلىغاندا سۇغا غەرق بولدى
ئەمما مۇسانىڭ پەيغەمبەر بولۇش رولى ئۇلارنى مىسىردىن باشلاپ چىقىپ كېتىشلام ئەمەس ، بەلكى ئۇلارنى يېڭى تۇرمۇشغا يېتەكلەش ئىدى. مۇسا بۇنى ئاللاھ بەلگىلىگەن شەرىئەت قانۇنى بويىچە ياشاپ قىلدى
سۈرە ئائلادا ئاللاھنىڭ دۇنيانى تەبىئىي قانۇنلار ئارقىلىق باشقۇرغانلىقىنى بىزگە خاتىرلەيدۇ
.ھەممىدىن ئۈستۈن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى پاك ئېتىقاد قىلغىن
ئۇ (پۈتۈن مەخلۇقاتنى) ياراتتى، (ئۇلارنى) بېجىرىم (يەنى چىرايلىق ۋە مۇناسىپ شەكىلدە) قىلدى
.مەخلۇقاتقا پايدىلىق ئىشلارنى (تەقدىر قىلدى، ئۇلارغا پايدىلىنىش يوللىرىنى) كۆرسەتتى
.ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى
.ئاندىن ئۇلارنى قارامتۇل قۇرۇق ئوت ـ خەسكە ئايلاندۇردى
[1-5 ئائلا سۈرىسى]
.ئوخشاشلا ، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاق قانۇنىيىتى بويىچە يۈرگۈزىشىنى خالايدۇ
شۇنداق قىلىپ ، مىسىردىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، مۇسا ۋە ئۇنىڭ ئىسرائىللار سىناي تېغىغا كەلدى. مۇسا شەرىئەت قانۇنغا ئېرىشىش ئۈچۈن تاغدا 40 كۈن تورۇپ كەلدى. سۈرە بەقەرا ۋە سۈرە ئەئراف بۇ ۋاقىتنى تۆۋەندىكى ئايەتلەردە تىلغا ئالىدۇ
ئۆز ۋاقتىدا، بىز سىلەردىن چىن ۋەدە ئالغان ۋە تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلەپ قويغان، سىلەرگە: «(دۇنيادا ھالاك بولۇشتىن، ئاخىرەتتە ئازابقا قېلىشتىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن بىز بەرگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار (يەنى تەۋراتقا ئەمەل قىلىڭلار)، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار» (دېگەن ئىدۇق)
[بەقەرە سۈرىسى 63 – ئايەت]
مۇساغا (بىزگە مۇناجات قىلىشقا) ئوتتۇز كېچىنى ۋەدە قىلدۇق. ئۇنىڭغا يەنە ئون كېچىنى قوشتۇق، شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگارىنىڭ ۋەدە قىلغان ۋاقتى 40 كېچە بولدى. مۇسا قېرىندىشى ھارۇنغا: «(مەن قايتىپ كەلگەنگە قەدەر) قەۋمىمگە مېنىڭ ئورۇنباسارىم بولۇپ تۇرغىن، (ئۇلارنىڭ ئىشىنى) تۈزىگىن، بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ يولىدا ماڭمىغىن» دېدى.
[ئەئراف سۈرىسى 142 – ئايەت]
ئۇنداقتا مۇسا ئېرىشگەن قانۇن نېمە ئىدى؟ گەرچە ئۇ قانۇن خېلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ ( ئۇنىڭ 613 بۇيرۇقلىرىدا نېمىنىڭ ھارام ۋە نېمىنىڭ ھالال ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ) ۋە بۇ بۇيرۇقلار تەۋراتنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلغان بولسىمۇ ، مۇسا ئالدى بىلەن ئاللاھدىن تاش تاختىلىرىغا يىزىلغان بىر نەچچە كونكرېت بۇيرۇقلارنى تاپشۇرۋالدى. بۇلار ئون كوماند دەپ ئاتالدى ۋە باشقا بارلىق قائىدىلەرنىڭ ئاساسى بولۇپ قالدى. بۇ ئون كوماندنىڭ مۇتلەق مۇھىملىرى – باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى ئالدىنقى شەرت. سۈرە ئەئراف بۇنى نەچچە ئايەتلىرىدە كۆرسىتىدۇ
بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن (تەۋرات) تاختىلىرىغا (ئىسرائىل ئەۋلادى دىنىدا موھتاج بولغان) ۋەز ـ نەسىھەت، (دىنىي) ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي يازدۇق. (ئى مۇسا) ئۇنى (يەنى تەۋراتنى) مەھكەم تۇتقىن ھەمدە قەۋمىڭنى ئۇنىڭدىكى ئەڭ گۈزەل ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغىن، سىلەرگە پاسىقلار (يەنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى) نىڭ دىيارىنى كۆرسىتىمەن.
يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارنى ئايەتلىرىمنى چۈشىنىشتىن يىراقلاشتۇرىمەن. ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار ئەگەر توغرا يولنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، گۇمراھلىق يولىنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل بولدى.
[145-146 ئەئراف سۈرىسى ]
ئون كوماند
شۇڭا قۇرئاندىكى ئەئراف سۈرىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: بۇ تاش تاختىلىرىغايېزىلغان ئونكوماندلارئاللاھدىن كەلگەن سۆزلەر . ئەمما بۇ بۇيرۇقلار نېمە؟ مۇسانىڭ تاش تاختىلىرىدىن كۆچۈرگەن ئونكوماندلارتەۋرات كىتابىدىمۇ بېرىلگەن. (بۇ كوماندلارنى ساناش ئۈچۈن سانلارنى قوشۇپ قويدۇم)
:ئاللاھ بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇنداق ئېيتتى
مەن سېلەرنى «قۇللۇق ماكانى» مىسىردىن چىقىرىپ كەلگەن ئاللاھدۇرمەن
(1) سېنىڭ مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھىڭ بولمايدۇ
سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەيلى يۇقىرىدىكى ئاسماندا بولسۇن، مەيلى تۆۋەندىكى زېمىندا بولسۇن، ياكى يەر ئاستىدىكى سۇلاردا بولسۇن، ھەرقانداق نەرسىنىڭ قىياپىتىدىكى ھېچقانداق ئويما. سەن بۇنداق نەرسىلەرگە باش ئۇرما ياكى ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرمە. چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى تەڭرىدۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزلىرىگە، ئوغۇللىرىغا، ھەتتا نەۋرە-چەۋرىلىرىگىچە چۈشۈرىمەن، ئەمما مېنى سۆيىدىغان ۋە ئەمرلىرىمنى تۇتىدىغانلارغا مىڭ ئەۋلادىغىچە ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق كۆرسىتىمەنشەكىلنى ياسىما(2)
پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى قالايمىقان تىلغا ئالما؛ چۈنكى كىمدەكىم نامىنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، پەرۋەردىگار ئۇنى گۇناھكار ھېسابلىماي قالمايدۇ(3)
شابات كۈنىنى مۇقەددەس دەپ بىلىپ تۇتقىلى يادىڭدا ساقلىغىن. ئالتە كۈن ئىشلەپ بارلىق ئىشلىرىڭنى تۈگەتكىن؛ لېكىن يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان شابات كۈنىدۇر؛ سەن شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش قىلمايسەن؛ مەيلى سەن ياكى ئوغلۇڭ بولسۇن، مەيلى قىزىڭ، مەيلى قۇلۇڭ، مەيلى دېدىكىڭ، مەيلى بۇقاڭ ياكى سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، ھېچقانداق ئىش قىلمىسۇن. چۈنكى ئالتە كۈن ئىچىدە پەرۋەردىگار ئاسمان بىلەن زېمىننى، دېڭىز بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارىنى ياراتتى ئاندىن يەتتىنچى كۈنىدە ئارام ئالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار شابات كۈنىنى بەخت-بەرىكەتلىك كۈن قىلىپ، ئۇنى مۇقەددەس كۈن دەپ بېكىتتى(4)
ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل. شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسە(5)
(6)قاتىللىق قىلما
(7)زىنا قىلما
(8)ئوغرىلىق قىلما
(9) قوشناڭ توغرۇلۇق يالغان گۇۋاھلىق بەرمە
سەن قوشناڭنىڭ ئۆي-ئىمارىتىگە كۆز قىرىڭنى سالما، نە قوشناڭنىڭ ئايالى، نە ئۇنىڭ قۇلىغا، نە ئۇنىڭ دېدىكى، نە ئۇنىڭ كالىسى، نە ئۇنىڭ ئىشىكى ياكى قوشناڭنىڭ ھەرقانداق باشقا نەرسىسىگە كۆز قىرىڭنى سالما(10)
پۈتكۈل خەلق گۈلدۈرمامىلارنى، چېقىن-يالقۇنلارنى، كاناينىڭ ئاۋازى ۋە تاغدىن ئۆرلەپ چىققان ئىس-تۈتەكلەرنى كۆردى ۋە ئاڭلىدى؛ ئۇلار بۇلارنى كۆرۈپ، تىترىشىپ يىراق تۇرۇشتى
[20: 1-18 مىسىردىن چىقىش]
دۇنياۋى دۆلەتلەردە ياشايدىغان نۇرغۇنلىرىمىز بۇ ئونكونماندلارنىڭبۇيرۇق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىمىز . بۇ ئونكوماندلارتەكلىپ ئەمەس. ئۇلار تەۋسىيە ئەمەس. ئۇلارنى سۆھبەتلىشىشكە بولمايدۇ. ئۇلار بويسۇنىدىغان بۇيرۇقلار ئىدى. بۇ دېگەن شەرىئەت قانۇنى ئىدى. ئىسرائىللار ئاللاھنىڭ مۇقەددەسلىكىدىن قورقاتتى
ئىتائەتنىڭ ئۆلچىمى
سۈرە ھەشردە ئون كوماندلارنى قانداق بېرىلگەنلىكىنىنى قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق كۆرسىتىدۇ. قۇرئانغا سېلىشتۇرغاندا ، ئون كوماندلار تاغدا قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشتە بېرىلگەن
ئەگەر بىز قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلساق، چوقۇم سەن ئۇنىڭ ئاللاھتىن قورققانلىقتىن باش ئەگكەنلىكىنى، يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىڭ، بىز بۇ مىساللارنى كىشىلەرگە ئۇلار (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) پىكىر قىلسۇن دەپ بايان قىلىمىز
ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ يوشۇرۇننى، ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر، (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر
[21-22 ھەشر سۈرىسى]
ئەمما بىر مۇھىم سوئال قالدى. مۇسا بىلەن ئىسرائىللار قانچە بۇيرۇقلارغا بويسۇنۇشى كېرەك؟ تۆۋەندىكى ئايەت بۇ ئون كوماندلار كىلىشدىن بۇرۇن كېلىدۇ
ئاندىن ئۇ ئەھدىنامىنى قولىغا ئېلىپ، خەلققە ئوقۇپ بەردى. ئۇلار جاۋابەن: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق سېلىپ، ئىتائەت قىلىمىز! ــ دېيىشتى
[24 :7 مىسىردىن چىقىش]
مۇسانىڭ ئاخىرقى ئۇچۇرى بولغان «تەۋرات» نىڭ ئەڭ ئاخىرقى كىتابىدا (بەش كىتابلار بار) ئۇ بۇ ئۇسۇل بىلەن قانۇنغا بويسۇنۇشنى خۇلاسىلىدى
پەرۋەردىگار بىزگە بۇ بارلىق بەلگىلىمىلەرنى تۇتۇشنى، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىن قورقۇشنى تاپىلىغان؛ ئۇ ھالىمىزنىڭ دائىم ياخشى بولۇشى ۋە بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك تىرىك ساقلانغاندەك، ئۇنىڭ پاناھىدا بولۇشىمىز ئۈچۈن شۇنداق تاپىلىغاندۇر؛
ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا ئۇ بىزگە تاپىلىغاندەك بۇ بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلسەك بۇ بىز ئۈچۈن ھەققانىيلىق بولىدۇ
[قانۇن شەرھى 25- 24: 6]
ھەققانىيلىققا ئېرىشىش
بۇ يەردە «ھەققانىيلىق» دېگەن سۆز يەنە پەيدا بولدى. بۇ ئىنتايىن مۇھىم سۆز. ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالامىتىدە ئاللاھ ئۇنى بىرىنچى قېتىم ئادەمنىڭ بالىلىرىغا ئېيىتقانلىقىنى كۆردۇق
ئى ئادەم بالىلىرى! سىلەرگە بىز ھەقىقەتەن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان لىباسنى ۋە زىننەتلىنىدىغان لىباسنى چۈشۈردۇق، تەقۋادارلىق لىباسى ئەڭ ياخشىدۇر، ئەنە شۇلار (يەنى ئىنسان بالىلىرىغا سەترى ئەۋرەت ئۈچۈن لىباس ياراتماق) ئۇلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ (بەندىلىرىگە بولغان پەزلى ـ مەرھەمىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر.
[ ئەئراف سۈرىسى 26- ئايەت]
ئاندىن بىز ئۇنى ئىبراھىمنىڭ 2-بەلگىسىدە كۆردۇق ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئوغۇل ۋەدە بەرگەندە ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇ ۋەدىگە ئىشەنگەن ۋە ئۇ ۋاقىتتا مۇنداق دېيىلگەن
ئابرام پەرۋەردىگارغا ئىشەندى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىكى بۇ ئىشەنچنى ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى دەپ ھېسابلىدى.
[15 :6 يارىتىلىش]
.ھەققانىيلىقنىڭ تولۇق چۈشەندۈرۈلىشىنى كۆرۇش ئۈچۈن ئىبراھىمنىڭ 2-بەلگىسىنى كۆرۈڭ )
ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا ئۇ بىزگە تاپىلىغاندەك بۇ بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلسەك بۇ بىز ئۈچۈن ھەققانىيلىق بولىدۇ»
[6 :25 قانۇن شەرھى]
ئەمما ھەققانىيلىققا ئېرىشىشنىڭ شەرتى ئېغىر. ئۇنىڭدا « بۇ قانۇننىڭ ھەممىسىگە بويسۇنۇشىمىز كېرەك » دېيىلگەن ، شۇنداق قىلغاندىلا ھەققانىيلىققا ئېرىشىمىز. بۇ بىزگە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالامەتلىرىنى ئەسلىتىدۇ. ئاللاھنىڭ ئادەم ۋە ھاۋانى جەننەتتىن چىقىرۋىتىشى ئۈچۈن پەقەتلا بىر ئاسىيلىق كۇپايە قىلغانتى. ئاللاھ بىر قانچە ئاسىيلىق قىلىشىنى ساقلىمىدى. بۇ لۇتنىڭ بەلگىسىدە لۇتنىڭ ئايالىغىمۇ ئوخشاش بولغان ئىدى . بۇنىڭ ئېغىرلىقىنى رەسمى چۈشىنىش ئۈچۈن ، تەۋراتتىكى قانۇنغا بويسۇنۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئالىدىغان ئايەتلەرنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ
بىز بارلىق بۇيرۇقلارغا ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك
مەن ئالى مەكتەپتە ئالغان بەزى دەرسلەردە ، مۇئەللىم ئىمتىھاندا بىزگە نۇرغۇن سوئاللارنى بېرەتتى (مەسىلەن 25 سوئال) ، ئاندىن پەقەت بىر قىسىم سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلاتتى. مەسىلەن ، ئىمتىھاندا جاۋاب بېرىدىغان 25 سوئالنىڭ 20 ىنى تاللىيالايمىز. بەزىلەر بەلكىم بىر سوئالنى بەك تەستە بايقىشى مۇمكىن ، شۇڭا ئۇلار بۇ سوئالدىن ۋاز كېچىشنى تاللىشى مۇمكىن. شۇنداق قىلىپ ، مۇئەللىم ئىمتىھاننى بىزگە ئاسانلاشتۇردى
نۇرغۇن كىشىلەر قانۇننىڭ ئون كوماندىسىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، ئاللاھ ئون كوماندنى بەرگەندىن كېيىن ، «بۇ ئوندىن خالىغان بىرىنى تاللاڭ» دەۋاتقان ئوخشايدۇ ، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما ياق ، قانۇن بۇنداق بېرىلگەن ئەمەس. ئۇلار بەزى بۇيرۇقلارنىلا ئەمەس ، بارلىق بۇيرۇقلارغا بويسۇنۇشى ۋە ئەمەل قىلىشى كېرەك ئىدى. بارلىق قانۇنلارنى ئىجرا قىلغاندا ، ئاندىن ئۇلارنىڭ «ھەققانىيلىقى» بولىدۇ
ئەمما بەزى كىشىلەر نېمە ئۈچۈن قانۇنغا بۇنداق قارايدۇ؟ چۈنكى بىر قانۇنغا ئەگىشىش ناھايىتى مۈشكۈل ، بولۇپمۇ بۇنى پەقەت بىر كۈنلام ئەگەشمەيسىز ، بىر ئۈمۈر ئەگىشىسىز. شۇڭا ئۆزىمىزنى ئالداش ۋە ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىش ناھايىتى ئاسان. بۇ بۇيرۇقلارنى كۆرۈپ بېقىڭ ۋە ئۆزىڭىزدىن سوراڭ :«مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىگە بويسۇنامدىم ؟ ھەر كۈنىمۇ؟ مەغلۇبىيەتسىزمۇ؟ ». بۇ ئون كوماندلار يەنىلا كۈچكە ئىگە بولغاچقا ، بۇ سوئاللارنى ئۆزىمىزدىن سورىشىمىز كېرەك. ئاللاھ بۇ ئون بۇيرۇقلارنى توختاتمىدى , شۇڭا مۇسادىن كېيىن كەلگەن پەيغەمبەرلەر (ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) داۋاملاشتۇردى. بۇ كوماندلار ھاياتتىكى مۇھىم مەسىلەر بولغان بۇتقا چوقۇنۇش ، بىر خۇداغا ئىبادەت قىلىش ، زىنا قىلىش ، ئوغرىلىق ، قاتىللىق ، ياكى يالغانچىلىق دىگەندەك مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى باشقۇردىغان بولغاچقا ، ئۇلارغا ھەر ۋاقىت ھەممىمىز بويسۇنۇشىمىز كېرەك
بۇ سوئالارغا ھېچكىم باشقىلار ئۈچۈن جاۋاب بېرەلمەيدۇ ؛ ئۇ سوئالارغا بىر ئادەم پەقەت ئۆزى ئۈچۈن جاۋاب بېرەلەيدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇ ئادەم بۇ سوئالارغا ئاللاھنىڭ ئالدىدا جاۋاب بېرىدۇ
ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ مۇھىم سوئال
مەن تەۋرات قانۇنى 25: 6 دىن ئۆزگەرتىلگەن بىر سوئالنى سوراي ، شۇڭا ئۆزىڭىز جاۋاب بېرەلەيسىز. قانۇننىڭ باياناتىغا قانداق جاۋاب بەرگەنلىكىڭىزگە قاراپ ، قانۇن سىز ئۈچۈن ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن ئىشلەيدۇ . ئۆزىڭىز توغرا دەپ ئويلىغان جاۋابنى تاللاڭ. تۆۋەندىكى سىزگە ماس كېلىدىغان جاۋابنى چېكىڭ
پەرۋەردىگار بىزگە بۇ بارلىق بەلگىلىمىلەرنى تۇتۇشنى، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىن قورقۇشنى تاپىلىغان؛ ئۇ ھالىمىزنىڭ دائىم ياخشى بولۇشى ۋە بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك تىرىك ساقلانغاندەك، ئۇنىڭ پاناھىدا بولۇشىمىز ئۈچۈن شۇنداق تاپىلىغاندۇر؛
ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا ئۇ بىزگە تاپىلىغاندەك بۇ بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلسەك بۇ بىز ئۈچۈن ھەققانىيلىق بولىدۇ
[6:24-25 قانۇن شەرھى]
ياق – مەن ھەممىگە بويسۇنمىدىم ، بۇ مەن ئۈچۈن توغرا ئەمەس