يېقىندا مەن مەسجىدتە ئىمامنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاۋاتقانتىم. ئۇ پۈتۈنلەي خاتا ۋە ئازدۇرىدىغان بىر گەپنى قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى مەن بۇرۇن نەچچە قېتىم ئاڭلىدىم. بەلكىم سىلەرمۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ ، كاللىڭلاردا سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇشىڭلار مۇمكىن. شۇڭا بىز بۇنى ئويلىشىپ باقايلى
ئىمام مۇنداق دىيدى: «ئىنجىلنىڭ نۇرغۇن ئوخشىمايدىغان نۇسخىلىرى بار. بۇنى ئېنگلىزچە تىلدا نەچچەخىل ئالالايسىز (ئۇنىڭغا پادىشاھ جامېسنىڭ نۇسخىسى، يېڭى خەلقئارالىق نۇسخىسى، يېڭى ئامېرىكا ئۆلچەملىكلەر نۇسخىسى، يېڭى ئېنگىلىزچە نەشرى قاتارلىقلار)». ئاندىن ئىمام مۇنداق دىيدۇ: «بۇنداق ئوخشىمايدىغان نۇسخىلار كۆپ بولغاچقا، بۇ ئىنجىلنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى كۆرستىدۇ. ھېچبولمىغاندا بىز «ھەقىقىي» ئىنجىلنى بىلەلمەيمىز. توغرا، ئىنجىلنىڭ ھەقىقەتەن ئوخشىمايدىغان نۇسخىلىرى بار ، لېكىن بۇنىڭ چىرىكلىك بولغان ياكى بولمىغانلىقى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. پەقەت بىرلا ئىنجىل بار
مەسىلەن، ئىنجىلنىڭ «يېڭى خەلقئارالىق نەشرىسى» ئەسلى گرېك (ئىنجىل) ۋە ئىبرانىيچەدىن (تەۋرات ۋە زىبۇر) ئېنگلىز تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. «يېڭى ئامېرىكا ئۆلچەملىك نۇسخىسى» ئىنجىلنىڭ باشقا تەرجىمىسى، ئەمما ئوخشاش گرېكچە ۋە ئىبرانىيچە يېزىقتىن تەرجىمە قىلىنغان
ئوخشاشلا: قۇرئان كەرىمنىڭ ئوخشىمىغان ئىنگلىزچە تەرجىمانلىرى
قۇرئان بىلەن ئوخشاش ئەھۋال مەۋجۇت. مەن ئادەتتە يۈسۈف ئەلىنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلىتىمەن، لېكىن بەزىدە باشقا تەرجىماننىڭ (ئۇنىڭ ئىسمى لەمپال ئىدى) تەرجىمىسىنىمۇ ئىشلىتىمەن. لەمپال يۇسۇف ئەلى ئىشلەتكەن ئوخشاش ئەرەبچە قۇرئاندىن تەرجىمە قىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەرجىمىسىدە ئىخشىمىغان ئىنگىلىزچە سۆزلەرنى ئىشلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوخشامىغان تەرجىمىلەردۇر. ئەمما ھېچكىم مۇنداق دىمەيدۇ: «قۇرئاننىڭ ئىككى خىل تەرجىمىسى بولغاچقا بۇنىڭ «ئوخشىمىغان» قۇرئاننىڭ بارلىقىنى ياكى «قۇرئان كەرىم»نىڭ بۇزۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ». ئوخشاشلا ، ئىنجىلنىڭ گرېك تېكىستى بار ( بۇ يەردىن كۆرۈڭ). تەۋرات ۋە زەبۇر ئۈچۈن ئىبرانىيچە تېكىست بار ( بۇ يەردىن كۆرۈڭ ). ئەمما كۆپىنچى كىشىلەر بۇ تىللارنى ئوقۇمايدۇ. شۇڭا ئىنگلىز تىلدا (ۋە باشقا تىللاردا) ھەر خىل تەرجىمىلەر بار ، شۇنداق بولغاندا باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىدا چۈشىنەلەيدۇ
بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر ئىنگلىز تىلىنى ئوقۇغاندىن كىيىن ، نۇرغۇن ئوخشىمىغان ئىنگلىزچە تەرجىمىلەر بار ، شۇڭا ئۇنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەمما تەرجىمىلەردە چىقىپ قالىدىغان خاتالىقلار بولسىچۇ؟ ئوخشىمىغان تەرجىمىلەرنىڭ بولۇشى توغرا تەرجىمە قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرستەمدۇ؟ گرېك تىلىنىڭ بىلىمى زور بولغاچقا ، تەرجىمانلار ئىنجىلنىڭ ئەسلىدىكى سۆزلەر ۋە خىياللارنى گرىكدىن تەپسىلى تەرجىمە قىلالايدۇ. ھازىرقى ئوخشىمىغان نۇسخىلىرى بۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ
εις γαρ θεος εις και μεσιτης θεου και ανθρωπων ανθρωπος χριστος ιησους
تىموتىيغا «1» 5: 2
.بۇ ئايەتنىڭ نەچچە خىل تەرجىمىلىرى بار
چۈنكى خۇدا بىلەن ئىنسانىيەت ئوتتۇرىسىدا بىر ۋاسىتىچى بار ، ئۇ كىشى ئىيسا ئەل مەسىخ
«يېڭى خەلقئارالىق نۇسخىسى»
چۈنكى خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا بىر خۇدا بار ، ئۇ كىشى ئەيسا مەسىھ.
«پادىشاھ جامېسنىڭ نۇسخىسى»
چۈنكى خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا بىر ئىلاھ بار ، بىر مۇرەسسەچى ، ئەيسا مەسىھ ،
«يېڭى ئامېرىكا ئۆلچەملىك نۇسخىسى»
ئۆزىڭىز كۆرگىنىڭىزدەك ، ئۇلارنىڭ تەرجىملىرى ئوخشاپ قالىدۇ – پەقەت بىر نەچچە سۆز بىلەنلا پەرقلىنىدۇ. ئۇلار پەقەت ئوخشىمىغان سۆز ئىشلىتىش بىلەنلا ئوخشاش گەپنى دەيدۇ. پەقەت بىرلا كىتاب ياكى ئىنجىل بار ، شۇڭا ئۇنىڭدىكى تەرجىمىلەر ناھايىتى ئوخشايدۇ. ئۇلار «ئوخشىمايدىغان» ئىنجىل ئەمەس. ئوخشىمىغان نەشىرلەر بار دەپ ئويلاش پۈتۈنلەي خاتا
.مەن كۆپچىلىكنىڭ ئۆز ئانا تىلىدىكى كىتاب-ئىنجىلنىڭ نۇسخىسىنى ئىزدەشنى تەلەپ قىلىمەن. بۇ يەردە باشلىسىڭىز بولىدۇ