Skip to content
Home » كىتابلاردىن: ئىبراھىمنىڭ بەلگىسى (3-قىسىم)

كىتابلاردىن: ئىبراھىمنىڭ بەلگىسى (3-قىسىم)

قۇرئان- سۈرى 37: 102-110 (سەفەت)

تەۋرات: يارىتىلىش 22: 1-18

102.

ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئىش ـ كۈشلىرىگە يارىغۇدەك بولغان چاغدا، ئىبراھىم: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىشقا (ئەمر قىلىنىپ) چۈشەپتىمەن (پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ھەقىقەتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بولىدۇ)، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟» دېدى. ئۇ ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا مېنى (ئۇنىڭغا) سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن».
103.

ئىككىسى (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇندى، ئىبراھىم ئۇنى (يەنى ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن) يېنى ياتقۇزدى.

,104. بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز

105. بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز

106. بۇ ھەقىقەتەن روشەن سىناقتۇر.

107.بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى (يەنى جەننەتتىن چىققان قوچقارنى) بەردۇق.

108.كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق.

109.ئىبراھىمغا سالام بولسۇن!

110.بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.

بۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، خۇدا ئىبراھىمنى سىناپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئىبراھىم! دېدى. ئۇ: مانا مەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى.
ئۇ: ــ سەن ئوغلۇڭنى، يەنى سەن سۆيىدىغان يالغۇز ئوغلۇڭ ئىسھاقنى ئېلىپ، مورىيا يۇرتىغا بېرىپ، شۇ يەردە، مەن ساڭا ئېيتىدىغان تاغلارنىڭ بىرىنىڭ ئۈستىدە ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنغىن، ــ دېدى.  
ئەتىسى ئىبراھىم سەھەر قوپۇپ، ئېشىكىنى توقۇپ، يىگىتلىرىدىن ئىككىيلەن بىلەن ئىسھاقنى بىللە ئېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئوتۇن يېرىپ، خۇدا ئۇنىڭغا ئېيتقان يەرگە قاراپ ماڭدى. ئۈچىنچى كۈنى ئىبراھىم بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ، يىراقتىن ئۇ يەرنى كۆردى.
ئىبراھىم يىگىتلىرىگە: ــ سىلەر ئېشەك بىلەن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار. مەن بالام بىلەن ئۇ يەرگە بېرىپ، سەجدە قىلىپ، ئاندىن قېشىڭلارغا يېنىپ كېلىمىز، ــ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم كۆيدۈرمە قۇربانلىققا كېرەكلىك ئوتۇننى ئېلىپ، ئوغلى ئىسھاققا يۈدكۈزۈپ، ئۆزى قولىغا پىچاق بىلەن ئوتنى ئېلىپ، ئىككىسى بىللە يۈرۈپ كەتتى. ئىسھاق ئاتىسى ئىبراھىمغا: ــ ئەي ئاتا! دېۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا مەن، ئوغلۇم، دېدى. ئۇ ئۇنىڭدىن: ــ مانا ئوت بىلەن ئوتۇنغۇ بار، ئەمما كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدىغان قوزا قېنى؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ: ــ ئەي ئوغلۇم، خۇدا ئۆزى ئۆزىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قوزىنى تەمىنلەيدۇ، ــ دېدى. ئاندىن ئىككىسى بىرگە يولىنى داۋاملاشتۇردى.
ئاخىرىدا ئۇلار خۇدا ئىبراھىمغا ئېيتقان جايغا يېتىپ كەلدى. ئىبراھىم ئۇ يەردە قۇربانگاھ ياساپ، ئۈستىگە ئوتۇننى تىزىپ قويدى. ئاندىن ئۇ ئوغلى ئىسھاقنى باغلاپ، ئۇنى قۇربانگاھدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىدە ياتقۇزدى. 10 ئاندىن ئىبراھىم قولىنى ئۇزىتىپ، ئوغلىنى بوغۇزلىغىلى پىچاقنى ئالدى.
11 شۇئان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ئۇنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئىبراھىم، ئىبراھىم! ــ دەپ ۋارقىرىدى.
ئۇ: ــ مانا مەن، ــ دېدى.
12 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ سەن بالىغا قولۇڭنى تەگكۈزمىگىن، ئۇنى ھېچنېمە قىلمىغىن؛ چۈنكى مەن سېنىڭ خۇدادىن قورققانلىقىڭنى بىلدىم؛ چۈنكى سېنىڭ ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنى مەندىن ئايىمىدىڭ، ــ دېدى.
13 ئىبراھىم بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا، ئارقىسىدا مۈڭگۈزلىرى چاتقالغا چىرمىشىپ قالغان بىر قوچقارنى كۆردى. ئىبراھىم بېرىپ قوچقارنى ئېلىپ، ئۇنى ئوغلىنىڭ ئورنىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ سۇندى. 14 شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم شۇ جايغا «ياھۋەھ-يىرەھ» دەپ ئات قويدى. شۇڭا كىشىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ تېغىدا تەمىنلىنىدۇ» دېگەن بۇ سۆز بۈگۈنگە قەدەر ئېيتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. 15 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ئىبراھىمنى ئىككىنچى قېتىم چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ
16  سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنى ئايىماي بۇ ئىشنى قىلغىنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆزۈم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، دەيدۇ پەرۋەردىگار، 17 ــ مەن سېنى زور بەرىكەتلەپ، نەسلىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك نۇرغۇن كۆپەيتىپ، دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك غولدىتىمەن؛ نەسلىڭ بولسا دۈشمەنلىرىنىڭ دەرۋازىلىرىغا ئىگە بولىدۇ.   18 سەن مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالغىنىڭ ئۈچۈن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-يۇرتلار نەسلىڭنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرى ئۈچۈن بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ، ــ دېدى.