Skip to content
Home » ئىبراھىمنىڭ 1-بەلگىسى: بەخت

ئىبراھىمنىڭ 1-بەلگىسى: بەخت

  • by

ئىبراھىم! يەھۇدىي دىنى ، خىرىستىيان دىنى ۋە ئىسلام دىنى ھەممە دىنلار ئورتاق ھالدا ئۇنى ئۈلگە دەپ قارايدۇ. ئەرەبلەر ۋە يەھۇدىيلار بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسمائىل ۋە ئىسھاق ئارقىلىق ئۇنىڭغا تۇتاشقان ئەجدادلىرىنى ئىزلەيدى. ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئارىسىدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ، چۈنكى كېيىنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن كەلگەن. شۇڭا بىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بەلگىسىنى بىر قانچە بۆلەكتە كۆرۈمىز. بۇ يەرنى چېكىپ ئۇنىڭ قۇرئان ۋە تەۋراتتىكى تۇنجى بەلگىسىنى ئوقۇڭ

بىز قۇرئاندىن كەلگەن ئايەتتە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭدىن كەلگەن «قەبىلىلىرى» بولۇدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ كىشىلەر ئۇنىڭدىن كېيىن بىر «ئۇلۇغ پادىشاھلىق» قۇرۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما بىر ئادەمدە «قەبىلە» قۇرالىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بىر ئوغلى بولۇشى كېرەك. بۇ كىشىلەردە «بۈيۈك پادىشاھلىق» بولۇشدىن بۇرۇن ئۇنىڭمۇ بۇ قەبىلىدە يۇقۇرى ئورنى بولۇشى كېرەك

ئىبراھىمغا قىلىنغان ۋەدە

تەۋراتتا تىلغا ئېلىنغان بۆلەك(يارىتىلىش 7-1 :12)دە ئاللاھنىڭ قانداق قىلىپئىبراھىمدىنكېيىن كېلىدىغان «قەبىلىلەر» ۋە «بۈيۈك پادىشاھلىق» دىن ئىبارەت بۇ قوش ئەمەلگە ئېشىشىنى پىلانلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا كەلگۈسى ئۈچۈن ئاساس بولغان ۋەدىلەرنى بەردى. ئۇنى تېخىمۇ تەپسىلىي كۆرۈپ باقايلى. بىز ئاللاھنىڭ ئىبراھىمغا تۆۋەندىكىلەرنى ئېيىتقانلىقىنى كۆرىمىز

شۇنداق قىلساڭ مەن سېنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىپ، ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆزۈڭ باشقىلارغا بەخت-بەرىكەت بولىسەن؛ 2

كىملەر ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلىسە مەن ئۇلارنى بەرىكەتلەيمەن، كىمكى سېنى خورلىسا، مەن چوقۇم ئۇنى لەنەتكە قالدۇرىمەن؛ سەن ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە-قەبىلىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنىدۇ! ــ دېدى. 3.

ئىبراھىمنىڭ ئۇلۇغلۇقى

بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر راستىنلا تەۋرات ئارقىلىق ئۆزىنى ئاشكارىلىغان تەڭرى بارمۇ دەپ ئويلايدۇ. بۇ ماقالدا بىز بۇ سوئالنى سىناق قىلالايمىز. بۇ يەردە ئاللاھ مۇئەييەن بىر كىشىگە ۋەدە بەردى ، ئۇنىڭ بەزى قىسمەتلىرىنى بۈگۈنكى كۈندە تەكشۈرەلەيمىز. بۇ باياندا ئاللاھنىڭ ئىبراھىمغا «سېنىڭ ئىسمىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن» دەپ بىۋاسىتە ۋەدە بەرگەنلىكى خاتىرلەنگەن

بىز 21- ئەسىردە ياشاۋاتىمىز . 4000 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ، ئىبراھىمنىڭ ئىسمى قەدىمقى تارىختىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك ئېتىراپ قىلىنغان ئىسىملارنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. يەھۇدىيلار ۋە ئەرەپلەر بۈگۈن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى ئىبراھىمغا باغلايدۇ. 2020-يىلىدا ئامېرىكا يۇرگۈزگەن ئوتتۇرا شەرقنىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىتىنى ئۆزگەرتىدىغان تىنچلىق پىلانى ئۇنىڭ نامىدا « ئىبراھىم كېلىشىمى» دەپ ئاتالدى. بۇ ۋەدە تارىخى، ئ‍ەمەلى ۋە ھەقىقىي تۈردە ئەمەلگە ئاشتى  

ئۆلۈك دېڭىز يۆگەم يازمىلىرىدا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 200-100-يىللارغا تۇتىشىدىغان تەۋراتنىڭ بۇرۇنقى قوليازمىلىرى بار. دېمەك ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى يىقىنقى زاماندىكى «ئىبراھىم» ئىسمىنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ سىرتىدا تونۇلۇشتىن خېلى بۇرۇنلا بۇ يازمىلاردا يېزىلغان. بۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇش پەقەت ئىبراھىمنىڭ ئىسمى تونۇلغاندىن كېيىن ئۇنى يېزىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشمىغان

ئىبراھىمغا بېرىلگەن ۋەدىنىڭ بۇ قىسمى ئەلۋەتتە يۈز بەردى ، ھەتتا كاپىرلارغىمۇ ئېنىق بولۇشى كېرەك. بۇ بىزگە ئاللاھنىڭ ئىبراھىمغا بەرگەن بۇ ۋەدىسىنىڭ قالغان قىسمىنى چۈشىنىشكە تېخىمۇ ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ. ئۇنى داۋاملىق تەتقىق قىلايلى

بىزگە بېرىلگەن بەختلەر

بۇ تارىخ ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن كىينكىلەرگىمۇ تۇتىشىدۇ. بۇ بەخت پەقەت ئىبراھىم ئۈچۈنلا ئەمەس . ئۇنىڭدا يەنە مۇنداق يېزىلغان

يەريۈزىدىكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى سىز ئارقىلىق بەختلىك بولىدۇ


[12:4 يارىتىلىش]

بۇنىڭغا سىز ھەم بىز دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. مەيلى مىللىتىڭىز قانداق بولسۇن ، دىنىڭىز قانداق بولسۇن ؛ مەيلى باي ياكى كەمبەغەل ، ساغلام ياكى كېسەل ، تەربىيلەنگەنمۇ ياكى ئەمەسمۇ ، « يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى » سىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنى قانداق قىلىدۇ؟ قاچان قىلىدۇ؟ قانداق بەخت بېرىدۇ؟ بىز بۇ ۋەدىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بىلىمىز. شۇڭا بىز بۇ ۋەدىمىزنىڭمۇ ئېنىق ۋە ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنەلەيمىز. بىز ئۇ ۋەدىگە قانداق ئېرىشىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ئىبراھىمنىڭ خاتىرىسىگە ئەگەشسەك تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىمىز

بىز ئىبراھىم ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندا ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز

“ئىبرام پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك كېتىپ قالدى”

[12:4 يارىتىلىش]
ئىبراھىم سەپىرىنىڭ خەرىتىسى

ئاللاھ ۋەدە قىلغان يەرگە سەپەر قىلىشغا قانچىلىك ۋاقىت كەتتى؟ بۇ يەردىكى خەرىتە ئۇنىڭ سەپىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىبراھىم ئەسلى ئۇر دېگەن جايدا (بۈگۈنكى ئىراقنىڭ جەنۇبى) دا تۇرغان ۋە خاران (شىمالىي ئىراق) غا كۆچۈپ كەلگەن. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆز دەۋرىدە قانان دەپ ئاتالغان جايغا سەپەر قىلدى. بۇنىڭ ئۇزۇن سەپەر ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيسىز. ئۇ تۆگە ، ئات ياكى ئېشەك ئۈستىدە سەپەر قىلغانىدى ، شۇڭا بۇنىڭغا نۇرغۇن ۋاقىت كېتەتتى. ئىبراھىم ئائىلىسىدىن ۋە ئازادە تۇرمۇشىدىن ئايرىلدى (مېسوپوتامىييە بۇ ۋاقىتتا مەدەنىيەتنىڭ مەركىزى ئىدى). ئۇ يەنە بىخەتەرلىكىنى ۋە ئۆزىگە تونۇش بولغان بارلىق نەرسىلەرنى ئۆزىگە يات بىر ئەلگە تاشلاپ قويدى. تەۋرات بىزگە بۇ سەپەرنىڭ ئۇ 75 ياشقا كېرگەندە بولغانلىقىنى دەيدۇ

بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلىش

:تەۋرات بىزگە يەنە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قانانغا كەلگەندە

پەرۋەردىگار ئابرامغا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا: ــ مەن بۇ زېمىننى سېنىڭ نەسلىڭگە ئاتا قىلىمەن، ــ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يەردە ئۆزىگە كۆرۈنگەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ سالدى


[12:7 يارىتىلىش]

قۇربانلىق سۇپىسى ئۇنىڭ ئالدىدىكى قابىل ۋە نۇھقا ئوخشاش ئاللاغا قۇربانلىق قىلغان يەردە بولاتتى . بۇ ئەندىزە ئارقىلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھقا قانداق ئىبادەت قىلغانلىقىنى كۆرىمىز

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆمرىدە بەك كېچىكىپ بۇ يېڭى زېمىنغا ساياھەت قىلدى. ئەمما ئۇ بۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئۇنى بەختلىك قىلىش ۋەدىسىگە بويسۇندى ، ھەم بارلىق خەلقلەرگە بەخت تىلىدى. شۇڭلاشقا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىزگە ئىنتايىن مۇھىم. بىز كېيىنكى قەدىمىمىزنى ئىبراھىمنىڭ 2-بەلگىسى بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز

ئەل كىتابتىن بارلىق بەلگىلەرنىڭ پ.د.ف نى كىتاب قىلىپ چۈشۈرۈڭ

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *