ئىلگىرى بىز ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىمىزنىڭ بەلگىسىنى كۆرگەنتوق . ئۇلارنىڭ ئىككى ئوغلى بار بولۇپ ، ئۇلار بىر-بىرىگە قارشى تۇرغان. بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى قاتىللىقنىڭ ھېكايىسى. ئەمما بىز يەنە ئۇلارنىڭ ئالامەتلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بۇ ھېكايىدىن ئۇنىۋېرسال پرىنسىپلارنى ئۈگىنىشنى خالايمىز. شۇڭا ئوقۇپ ئۈگىنەيلى. ( بۇ يەرنى چېكىپ بۇ مەزمۇنلارنى باشقا كۆزنەكتە ئېچىڭ)
قابىل ۋە ھابىل: ئىككى ئوغۇل بىلەن ئىككى قۇربانلىق
تەۋرات ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىمىزنىڭ بالىلىرىنى قابىل ۋە ھابىل دەپ ئاتايدۇ. قۇرئاندا ئۇلارنىڭ ئىسىمى بىۋاستە تىلغا ئېلىنمىغان ، ئەمما ئىسلامى كىتابلاردا ئۇلارنى قابىل ۋە ھابىل دەپ ئاتايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئاللاھقا قۇربانلىق ئېلىپ كەلدى ، ئەمما ئاللاھ قابىلنىڭ قۇربانلىقنى قوبۇل قىلماي ، ھابىلنىڭ قۇربانلىقىنى قوبۇل قىلدى. قابىل ھەسەتخورلۇق قىلىپ ، ئىنىسىنى ئۆلتۈردى ، ئەمما ئۇ جىنايىتىنىڭ نومۇسىنى ئاللاھتىن يوشۇرالمىدى
ئاللاھ ئۆلگەننىڭ قۇربانلىقنى قوبۇل قىلىدۇ
بۇ بايانىنىڭ مۇھىم سوئالى بولسا : نېمە ئۈچۈن قابىلنىڭ قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنماي، ھابىلنىڭ قۇربانلىقى قوبۇل قىلىندى؟ نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئىككى ئاكا-ئۇكانىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق بار بولغاچقا دەپ قارايدۇ. ئەمما باياننى دىققەت قىلىپ ئوقۇساق بىز باشقىچە ئويلىياللايمىز. تەۋرات ئۇلار ئېلىپ كەلگەن قۇربانلىقلارنىڭ پەرقىنى ئېنىق بايان قىلدى. قابىل «تۇپراقنىڭ مېۋىسىنى» (يەنى مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى) ئېلىپ كەلدى. يەنە بىر تەرەپتىن ، ھابىل «پادىسىنىڭ تۇنجى بالىسىدىن چىققان مايلىق قىسىملىرىنى» ئېلىپ كەلدى. دېمەك ، ھابىل پادىسىدىن قوي ياكى ئۆچكە دىگەندەك بىر ھايۋاننى قۇربانلىق قىلدى
بۇ يەردە بىز ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ بەلگىسىگە يانداش بولغان بىر باياننى كۆرىمىز . ئادەم نومۇسىنى يوپۇرماق بىلەن ياپماقچى بولدى. ئەمما ئۈنۈملۈك يېپىش ئۈچۈن بىر ھايۋاننىڭ تېرىسى كېرەكتى (شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ھايۋان ئۆلتۈرىلدى). يوپۇرماق ، مېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ قېنى يوق ، شۇڭا ئادەم ۋە ھايۋانلارغا ئوخشاش تۇرمۇش كەچۇرمەيدۇ. قانسىز يوپۇرماقلارنىڭ يېپىشى ئادەم ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەستى. ئوخشاشلا ، قابىلنىڭ قانسىز مېۋە بىلەن كۆكتاتلارنى قۇربانلىق قىلىشقا بولمىدى. ھابىلنىڭ «مايلىق قىسىملىرى» نى قۇربان قىلىشى ، ئۇ ھايۋاننىڭ قېنىنىڭ تۆكۈلگەن ۋە قۇرۇغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ، خۇددى ئەسلىدە ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىمىزغا كىيىم تەمىنلىگەن ھايۋانغا ئوخشاش
بەلكىم بىز بۇ ئالامەتنى مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئۆگەنگەن بىر ئەقىلىيە سۆز بىلەن خۇلاسىلىيەلەيمىز: «دوزاخقا بارىدىغان يول ياخشى نىيەتلەر بىلەن بىزەلگەن». بۇ ئىپادە قابىلغا ماس كەلگەندەك قىلىدۇ. ئۇ ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە بۇنى قۇربانلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق كەلگەن. ئەمما ئاللاھ قۇربانلىقنى بىلەن ئۇنى قوبۇل قىلمىدى
ئەمما نېمىشقا؟
ئادەمنىڭ تېرىسىگە ئوخشاش
قابىلنىڭ ناچار پوزىتسىيىسى بارمىتى؟ ئۇنىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ ناچارلىقى دەسلەپتە ئېيتىلمايدۇ. بەلكىم ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى نىيىتى ۋە پوزىتسىيىسى بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ دادىسى بولغان ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالامىتى بىزگە بىر يىپ ئۇچى بېرىدۇ. ئاللاھ ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىمىزغا ھۆكۈم قىلغاندا ، ئۇلارنى مەڭگۇ ياشىمايدىغان قىلدى. شۇڭا ئۆلۈم ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن تۆلەم بولدى. ئاللاھ ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىمىزغا بىر ئالامەت بەردى – يەنى ئۇلارنىڭ يالىڭاچلىقىنى يېپىىش ئۈچۈن ھايۋاندىن كەلگەن كىيىملەرنى (تېرىلەرنى) بەردى. ئەمما بۇ دېگەنلىك بىر ھايۋاننىڭ ئۆلۈمى كېرەكتى. ئادەم ۋە ھاۋانىڭ نومۇسىنى يېپىش ئۈچۈن بىر ھايۋان ئۆلدى ۋە قان تۆكۆلدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى قۇربانلىق ئېلىپ كەلسە ، پەقەت ھابىلنىڭ قۇربانلىق قىلىشى («پادىلارنىڭ مايلىق قىسمىلىرى») قۇربانلىقنىڭ قېنىنى تۆكۈشى تەلەپ قىلىندى. «تۇپراقنىڭ مېۋىسى»نىڭ قېنى بولمىغاچقا ، شۇڭا ئۇ ئۆلمەيدۇ
بىز ئۈچۈن بېرىلگەن بەلگە: قان تۆكۈش ۋە قاننى پاكىز ئېقىتىش
ئاللاھ بۇ يەردە بىزگە بىر دەرس بېرىدۇ. ئاللاھقا قانداق يېقىن كىلىشىمىزنى ئۆزىمىز قارار قىلالمايمىز. ئاللاھ ئۆلچەمنى بەلگىلەيدۇ ، ئاندىن بىز ئۇنىڭغا بويسۇنۇش ياكى بويسۇنماسلىقنى قارار قىلىمىز. بۇ يەردىكى ئۆلچەم ، بىر قۇربانلىق بولىشى ، ئۇنىڭ قېنى تۆكۈلىشى ۋە ئۆلۆشى كېرەك . مەن باشقا تەلەپلەرنى ياخشىراق كۆرىشىم مۆمكۆن ، چۈنكى ئۇ چاغدا مەن ئۆز بايلىقىمدىن بېرەلەيتتىم. مەن ۋاقىت ، كۈچ ، پۇل ، دۇئا ۋە بېغىشلاش بېرەلەيتتىم ، ئەمما ھاياتىمنى بېرەممەيمەن. ئەمما ئۇ – قان قۇربانلىق قىلىش دەل ئاللاھ تەلەپ قىلغان نەرسە. باشقا ھەر قانداق نەرسىلەر يېتەرلىك ئەمەس. ئەگەر بۇ قۇربانلىق ئەندىزىسى داۋاملاشسا ، بۇنى كېيىنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالامەتلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ
بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەلگىسى بىلەن تەۋرات ئارقىلىق سەپەرنى داۋاملاشتۇرىمىز .